تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىستانبۇلدا ئىككى موسساد جاسۇسى قولغا چۈشۈرۈلدى
تۈركىيە ئىستىخباراتى ئۇزۇندىن بۇيان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق سودا پائالىيەتلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى يىغىنلار ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يوشۇرۇن بىر تورنى پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدا ئىككى موسساد جاسۇسى قولغا چۈشۈرۈلدى
MİT، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەتتە، بىخەتەرلىك كۈچلىرى موسسادنىڭ جاسۇسلىرىنى قولغا ئالدى. / AA Archive

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئەمەلدارلار «MONITUM» (مونىتۇم) دەپ نام بەرگەن مۇرەككەپ بىر قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى موسساد ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى گۇماندارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

تۈركىيە بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەمەت بۇداك دەريا ۋە ۋەيسەل كەرىمئوغلۇ مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، كان ئىنژېنېرى بولغان دەريا 2005-يىلى بىر شىركەت قۇرۇپ، مەرسىن شەھىرىنىڭ سىلىفكە رايونىدا بىر مەرمەر تاش كېنى ئاچقان ۋە كېيىنچە خەلقئارا سودىغا كىرىشكەن. دەريانىڭ بىردىن ئارتۇق دۆلەتتە كېڭەيگەن سودا ئالاقىلىرى ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، 2012-يىلى سېنتەبىردە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ساختا شىركەت نامىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە «ئەلى ئەھمەد ياسىن» تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن بىر شەخس، دەريانىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ ھەمكارلىق تەكلىپىنى سۇنغان.

دەريا 2013-يىلى يانۋاردا، ياۋروپادىكى بىر يىغىن جەريانىدا موسساد جاسۇسلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى ئۇچرىشىشلار

بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، «لۇئىس» (Luis) تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن بىر موسساد ئوفىتسېرى، تېگى پەلەستىنلىك تۈركىيە پۇقراسى كەرىمئوغلۇنى ئىشقا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى كىشىگە بارلىق پائالىيەتلەر ۋە ئالاقىلەر ھەققىدە بىرلىكتە دوكلات تەييارلاش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، دەريانىڭ ھەر قايسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە لۇئىس، جېسۇس/جوسې، دوكتور روبېرتو/رىكاردو، دان/دەننىس، مارك، ئېللى/ئەممى ۋە مايكىل قاتارلىق تەخەللۇسلارنى ئىشلەتكەن نۇرغۇنلىغان موسساد جاسۇسلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىككىيلەننىڭ ئالدى بىلەن رايوندىكى ئىسرائىلىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان پەلەستىنلىكلەر ھەققىدە ئىجتىمائىي ۋە سودا ئالاقىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلىغانلىقى، شۇنداقلا كىشىلەر، ئورۇنلار ۋە ئالاقىلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دەريا يەنە غەززەگە كىرىش رۇخسىتى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش، ئۇ يەردىكى ئىسكىلات ئەسلىھەلىرىدە رازۋېدكا قىلىش ۋە موسسادقا سۈرەت يوللاش بىلەنمۇ ئەيىبلەنمەكتە.

دېلودا يەنە، كەرىمئوغلۇنىڭ 2016-يىلى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى زاپچاسلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى، بۇ پىكىرنىڭ ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ موسساد تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەمەلدارلار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىلگەن مۇھەممەد زۇئارىنىڭ 2016-يىلى دېكابىردا تۇنىستا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھەرىكەت بىخەتەرلىكى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ دەريانى مەخپىي ئالاقە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ئۇنى ئىككى قېتىم يالغان سۆزلەرنى تەكشۈرۈش سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ سىناقلارنىڭ بىرى 2016-يىلى ئاسىيادىكى بىر دۆلەتتە، يەنە بىرى 2024-يىلى ئاۋغۇستتا ياۋروپادىكى بىر مېھمانخانىدا ئېلىپ بېرىلغان. دەريانىڭ ھەر ئىككى سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى بىر ھەرىكەت سەۋىيەسىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تەكشۈرگۈچىلەر، گۇماندارلارنىڭ يەنە تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تەمىنلەنگەن SIM (سىم) كارتىلار، مودېملار ۋە يېتەكلىگۈچ(router) لەرنىڭ يۈرۈشلۈك نومۇرلىرى، MAC  ئادرېسلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سۈرەتكە تارتىپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى