خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا رۇسىيەگە ئامېرىكادا ئىشلەنگەن ATACMS راكېتىلىرىنى ئاتتى
رۇسىيە مۇداپىئە سىستېمىسى ئۇكرائىنانىڭ ۋورونېژنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئۇكرائىنانىڭ ئاۋازدىن تېز بالىستىك راكېتىلىرىنى توسۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىر قانچە بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.
ئۇكرائىنا رۇسىيەگە ئامېرىكادا ئىشلەنگەن ATACMS راكېتىلىرىنى ئاتتى
كىيىپ ئاتاكامس زەربىسىنى مۇھىم ھەربىي تەرەققىيات دەپ قارايدۇ. [ئارخىپ فوتوسى] / Reuters

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ پۇقراۋى ئورۇنلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن جەنۇبتىكى ۋورونېژ شەھىرىگە تۆت دانە ئامېرىكا ئىشلىگەن ATACMS راكېتاسى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئامېرىكا تەمىنلىگەن ATACMS راكېتىلىرى بىلەن رۇسىيەدىكى ھەربىي ئورۇنلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ «مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر سىستېمىلارنى 2023-يىلى تاپشۇرۇۋالغان ئۇكرائىناغا، دەسلەپتە بۇ سىستېمىلارنى پەقەت تەخمىنەن بەشتىن بىرى رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان ئۆز زېمىنىدا ئىشلىتىش چەكلىمىسى قويۇلغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېلېگرامدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيە S-400 ھاۋا مۇداپىئە ئەترەتلىرى ۋە Pantsir  راكېتا ۋە زەمبىرەك سىستېمىلىرى بارلىق ATACMS راكېتىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىق، يوقىتىلغان راكېتىلارنىڭ چۈشكەن پارچىلىرىنىڭ ۋورونېژدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسى بىلەن بىر يېتىم-يېسىرلار ساناتورىيەسىنىڭ ئۆگزىسىگە ھەمدە بىر ئۆيگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى؛ پۇقرالار سېپىدە ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق يەنە راكېتا پارچىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ھاۋا رازۋېدكا قىسىملىرىنىڭ ATACMS قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ خاركىۋ رايونىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئىككى دانە ئۇكرائىنا كۆپ سىتىۋوللۇق رېئاكتىپ زەمبىرىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىسكەندەر-M  راكېتىلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يانۋار ئېيىدا ئامېرىكا ئىشلىگەن ATACMS راكېتىلىرى بىلەن رۇسىيە زېمىنىنى نىشانغا ئالغان؛ بۇ دائىرىدە، رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونىغا ئالتە دانە راكېتا ئاتقانىدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكا ئىشلىگەن ATACMS ۋە ئەنگلىيەنىڭ Storm Shadow راكېتىلىرىنى رۇسىيەگە ئېتىشىدىن كېيىن، پۇتىن ئۇكرائىناغا قارشى بىر دانە ئاۋازدىن نەچچە ھەسسە تېز (گىپېر ئاۋازلىق) راكېتانىڭ ئېتىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملارنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە

ۋالىي ئولېگ سىنېگۇبوۋ چارشەنبە كۈنى خاركىۋدا كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئىككىسى بالا بولۇپ كەم دېگەندە 36 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

11 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سلوبىدسكىي ۋە ئوسنوۋىيانسكىي رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى؛ توققۇز قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كەتتى ۋە ئاپتوموبىللار ھەمدە بىر تاللا بازىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 48 كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان بولسا، ساقچى تەرەپ يارىلانغانلار ئارىسىدا 9 ۋە 13 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ بارلىقىنى ۋە «دوختۇرلارنىڭ بالىلارغا جىددىي خاراكتېرلىك بېسىم ئىنكاسى دەپ دىياگنوز قويغانلىقى»نى بىلدۈردى.

موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ  قېتىمقىسى ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى دەپ سۈپەتلەنمەكتە.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي قىش پەسلى ۋە توختاپ قالغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى مۇھىتىدا ئارمىيەسىنى ياردەمگە ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق قوغداش ئۈچۈن ياۋروپا زىيارىتىدە بولماقتا.

ماجالىدىن كەتكەن شۇنداقلا سان جەھەتتە ئاز بولغان ئۇكرائىنا قىسىملىرى شەرقىي سەپنى داۋاملىق قوغداۋاتقان بولسىمۇ، رۇسىيە كۈچلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىككى كەنتنى قولغا كىرگۈزدى.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى