خەلقئارا
5 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
ھەربىي دىنىي ئەركىنلىك ۋەقفى (MRFF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوماندانلىرى ئەسكەرلەرگە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئىنجىلدىكى بىر بېشارەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە / AP
بىر سائەت بۇرۇن

ئامېرىكا قوماندانلىرى «ۋاھىيلەر» كىتابىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ترامپنىڭ ئىلاھ تەرەپتىن «مۇبارەكلەنگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكادىكى بىر كۆزىتىش ئورگىنىغا چۈشكەن 200 دىن ئارتۇق ئەرزگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوماندانلىرى ئارمىيەنىڭ ھەر بىر قىسىمىدىكى ئامېرىكالىق ئەسكەرلەرگە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنىڭ ئىنجىلدىكى قىيامەتنى ياكى «ئارماگېدون» (مەلھەمەئى كۇبرا) نى قوزغاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ھەربىي دىنىي ئەركىنلىك ۋەقفى (MRFF) گە ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن بىر ئەرزدە، بىر كىچىك ئوفىتسېر مۇنداق يازغان: «بۈگۈن ئەتىگەن قوماندانىمىز جەڭگە تەييارلىق قىلىش يىغىنىنى ئىراندا بولۇۋاتقان جەڭ ھەرىكەتلىرىدىن "قورقماسلىقىمىز" كېرەكلىكىنى ئېيتىش بىلەن باشلىدى. ئۇ بىزگە ئەسكەرلىرىمىزگە بۇنىڭ "تەڭرىنىڭ ئىلاھىي پىلانىنىڭ بىر قىسمى" ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىزنى ۋە ئالاھىدە ئارماگېدونغا ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان "ۋاھىيلەر" كىتابىدىن نۇرغۇن نەقىللەرنى كەلتۈرۈشىمىزنى بۇيرۇدى»

ئامېرىكا ئارمىيە ئەزالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان MRFF پايدا ئالمايدىغان بىر ئورگاندۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US loses nearly $2 billion worth of military equipment in first 4 days of war on Iran

مەزكۇر گۇرۇپپىغا خەت يازغان ئوفىتسېر، بۇ ئۇچۇرنى ئۆزى ۋە شۇ رايوندا «تەييار زاپاس كۈچ» ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قىسمىنىڭ 15 ئەزاسى نامىدىن يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇستەقىل ژۇرنالىست جوناتان لارسان (Jonathan Larsen) بۇ مەسىلىنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، MRFF تىن ئەرزنىڭ بىر نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئوفىتسېرنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان شەنبە كۈنىدىن بۇيان، ۋەقىفكە 50 تىن ئارتۇق ھەربىي قىسىمدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئۇچۇرنىڭ بىرىدۇر.

ترامپ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئاممىغا بەرگەن باياناتلىرىدا ئىككىلىنىپ قالدى. ترامپ شەنبە كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا تېلېفون سۆھبىتىدە، مەقسىتىنىڭ ئىران خەلقىگە «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭ ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇشقا قارىتىلغان قىياسىي بىر ئىشارەت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

ترامپ ئىرانلىقلارنى 1979-يىلىدىن بېرى دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتتىن «دۆلىتىنى قايتۇرۇۋېلىش» قا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نىشانلىرى كېيىنكى كۈنلەردە داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇردى.

ئامېرىكانىڭ ئىراندا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسى، ئىراننىڭ ئادەتتىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىسىنى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى يوقىتىش، تېھراننىڭ رايوندىكى ۋاكالەتچى كۈچلەر تورىنى تۈگىتىش ۋە يادرولۇق قورالغا ھەرگىز ئېرىشەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دەپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ نۇرغۇن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر نىشاندۇر. ئىران يادرولۇق قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېگەن ئەيىبلەشلەرنى ئۇزۇندىن بېرى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پېنتاگون (ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) تەرىپىدىن قايتۇرما زەربىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن كىملىكىنى يوشۇرغان ئوفىتسېر، قوماندانىنىڭ قىسىمغا «ترامپنىڭ ئەيسا تەرىپىدىن ئارماگېدوننى قوزغاش ۋە ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە يول ئېچىش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى» ئېيتقانلىقىنى يەتكۈزدى.

ئوفىتسېر سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەۋاتقاندا يۈزىدە چوڭ بىر مەسخىرىلىك تەبەسسۇم بار ئىدى، بۇ ئۇنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىنى تېخىمۇ ساراڭلارچە بىر ھالەتكە كەلتۈردى. قوماندانىمىز بەلكىم "ئالدى بىلەن خىرىستىيان" دېگەن پوزىتسىيەدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە قول ئاستىدىكى ھەممەيلەننىڭ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش خىرىستىيان بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۈگۈن ئەتىگەن قىلغان ئىشى شۇنچە زەھەرلىك ۋە چەكتىن ئاشقان بىر ئىش ئىدىكى، جەڭگە تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىنى چۆچۈتۈپ قويدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US-Israel strikes on Iran fall outside international law — Macron

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى پېنتاگونغا پىكىر بېرىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تەلەپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەر ئېلان قىلىنغان ۋاقىتقىچە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان.

ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا دىنىي تۈس ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ھۇجۇم باشلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، نېتانياھۇ ئىران ھاكىمىيىتىنى ئىنجىل دەۋرىدىكى كونا بىر دۈشمەنگە ئوخشاتقان بىر تەۋرات ئەمرىنى تىلغا ئالدى. بۇ ئەمر بەزىدە پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن ئىدى.

ئىراننىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى چۈشكەن رايوننى زىيارەت قىلغان نېتانياھۇ: «بۇ ھەپتىلىك تەۋرات بۆلۈمىدە "ئامالېكنىڭ سىلەرگە قىلغانلىرىنى ئەسلەڭلار" دەپ ئوقۇيمىز. بىز ئەسلەيمىز ۋە ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېدى.

ئامالېكلىقلار (Amalekites) كونا ئەھدە (تەۋرات) دە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ توختىماي داۋاملاشقان دۈشمىنى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ ۋە بۇ گۇرۇپپىغا ئائىت ئەسلىمىلەرنى يوقۇتۇش، بۇيرۇق دائىرىسىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

كۈچىيىۋاتقان دىنىي سۆزلەر: «جىددىي بىر تەھدىت»

سابىق ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرى ۋە رونالد رېگان ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان مايكى ۋېينشتېين (Mikey Weinstein) ھازىر MRFF نىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس (Pete Hegseth) نىڭ ئۆتكەن يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، پېنتاگوندىكى چېركاۋ بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولغان توسالغۇلارنى بازغان بىلەن چېقىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېينشتېين: «MAGA (ترامپنىڭ تەرەپدارلىرى) بۇنى ۋەيران قىلدى. ئۇلارنىڭ چارىسى، قارشى جىنسلىق، ئاق تەنلىك، خىرىستىيان ۋە ئەركەك بولۇش. سىز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىدا، ساقچىلاردا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەردە ۋە پاسكىنا سۇ ئىشچىلىرىدا خىرىستىيان مىللەتچىلىكىگە يولۇقسىڭىز، بۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك دەرىجىدە يامان، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دېدى.

ۋېينشتېين سۆزىگە: «ئەمما يادرولۇق قوراللار، لازېرلىق يېتەكلىنىدىغان قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بار بولغان بىر يەردە بولسىڭىز، بۇ مۇتلەق بىر تەھدىت، جىددىي بىر تەھدىتتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان جىددىي تەھدىتتۇر» دەپ ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Does Iran have the military capacity to sustain retaliatory strikes against US, Israel?

ھېگسېسنىڭ پېنتاگونغا دىنىي ئۇنسۇرلارنى سىڭدۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، يېقىنقى مەزگىللەردە قۇللۇق تۈزۈمنى ياقىلىغان، ئاياللار ھوقۇقىدا چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئامېرىكانىڭ تېئوكراتىيەگە (دىنىي ھاكىمىيەتكە) ئايلىنىشىنى تەكلىپ قىلغان ئاشقۇن ئوڭچىل ئېۋانجېلىك خىرىستىيان مىللەتچىسى دوگ ۋىلسون (Doug Wilson) قاتناشقان قەرەللىك ئايلىق دۇئا يىغىلىشلىرىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

ۋېينشتېين: «ھېگسېس قىلىۋاتقان ئىش ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەۋھىرىنى پارچىلاش، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئارمىيەمىزدىكى "بىرىنچى قانۇن تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى" گە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ھۆكۈمەت مەنپەئەتى سۈپىتىدە بېكىتكەن نەرسىنى يوقىتىشتۇر. بۇ مەنپەئەت بولسا ئارمىيەنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ۋە بۇنى ياخشى تەرتىپ، روھ، ئىنتىزام، قىسىم ماسلىشىشچانلىقى، ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە خەۋپسىزلىكى بىلەن ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر» دېدى.

كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ دىنلىق بىر ئارمىيەگە خىرىستىيان مىللەتچىلىكىنى سىڭدۈرۈش، ئارمىيەنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولغان ئۇل تاشلىرىغا پۈتۈنلەي زىتتتۇر.

ۋېينشتېين بۇ قايتىدىن سىستېمىلاشقان جەريانىنىڭ ترامپنىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇش باشلاش قارارىدىن كېيىن، ۋەقىفكە كەلگەن ئەرزلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋېينشتېين ئىشخانىسىغا كەلگەن ئىلتىماسلارنىڭ مىقدارى ھەققىدە: «پارتلاپ كەتتى، مۇز ئېرىغاندىن كېيىن، خۇددى سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قىبرىستىكى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ئەلى لارىجانى: ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېھراندىكى گاندى دوختۇرخانىسى تالاپەتكە ئۇچرىدى
ستارمېر: ئامېرىكا ئىران راكېتالىرىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ئۆلدى
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن خاقان فىدان مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيە ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رەفاھنى تاقىدى، غەززە قايتىدىن تولۇق يېتىم قالدى
ترامپ: ئىران ئەمەلىيەتتە كېلىشىمنى خالىمىدى، ھەربىي ھەرىكەت بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدا ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىران خەلقى كوچىلارنى تولدۇردى
ترامپ: «ئامېرىكا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ مەقسىتى «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىش»
ئىرانغا قىلىنغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئوتتۇرا شەرقنى ئوت دېڭىزىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلدى
ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانلىدى
سۈرەتلىك خەۋەر: تېھراننى ئېغىر ۋەھىمە قاپلىدى