ترامپ كامبودژا-تايلاند تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ «دەرھال» ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مالايسىياغا يېتىپ كەلگەن ترامپ كامبودژا-تايلاند تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ «دەرھال» ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېېنتى ترامپ: «مەن كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا پەخىرلىك ھالدا مۇرەسسە قىلغان بۈيۈك تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن مالايسىياغا كېتىۋاتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا «دەرھال» بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن مالايسىياغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، Truth Social سۇپىسىدا: «مەن كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا پەخىرلىك ھالدا مۇرەسسە قىلغان بۈيۈك تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن مالايسىياغا كېتىۋاتىمەن» دەپ يازدى.
ترامپ تايلاندنىڭ سابىق ئايال پادىشاھى ۋە تايلاند پادىشاھىنىڭ ئانىسى سىرىكىتنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «ئەپسۇس، تايلاند ئايال پادىشاھى يېقىندا ۋاپات بولدى. ئۇلۇغ تايلاند خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ترامپ يەنە تايلاند باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ بىر كەچلىك زىياپەتكە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىدۇ ۋە ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن ئەجەللىك چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن، مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق ئاخىرلاشقان كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە گۇۋاھ بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
ترامپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىنىڭ بارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشىغا ماس كېلىدىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.