خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
يېقىن شەرقتە ئۆزئارا ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى ئامېرىكاغا تەۋە ئىككىنچى بىر F-35 ئايروپىلانىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ئىران جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكىنىڭ F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. [ئارخىپ فوتوسى] / Reuters

ئىران تاراتقۇلىرىدا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى جۈمە كۈنى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئامېرىكانىڭ بىر دانە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنىنىڭ باياناتىنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئايروپىلاننىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇچقۇچىنىڭ تەقدىرىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ئىراننىڭ 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش جەريانىدا، ئامېرىكاغا تەۋە F-35 ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ۋەقە بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا تېخى بۇ دەۋالارغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئىران 19-مارتتىمۇ ئامېرىكانىڭ بىر دانە F-35 نى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋا ۋاشىنگتون تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.

تېھران دائىرىلىرى يەنە پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر دانە F-16 ئايروپىلانىنىمۇ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال كۈنىدىكى ئىرانغا قارىتىپ ئەينى ۋاقىتتىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېي قاتارلىق 1340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن بۇيان رايون جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى؛ بۇ ھۇجۇملار ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەر شارى خاراكتېرلىك بازارلارنى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز