پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى باشلاندى
تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى.
تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى باشلاندى
تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ئەنقەرەدە باشلاندى / Reuters

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خاقان فىدان ۋە يېرمەك كوشېربايېۋ تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ (OSPG) سەككىزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېرمەك كوشېربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى. يىغىندا فىدان سودا، ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، قاتناش، مۇداپىئە سانائىتى، مائارىپ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك-مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە توختىلىدۇ.

بۇ يۆنىلىشتە قازاق تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت جۇمھۇر رەئىسلىرى بېكىتكەن 15 مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر باھالىنىدۇ.

مىنىستىر فىدان يەنە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى (TDT) ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان «شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورى» نى ئاساس قىلغان باغلىنىشچانلىق ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى جەزملەشتۈرۈلىدىغان بۇ يىغىندا، فىدان بىلەن كوشېربايېۋنىڭ ئافغانىستان، ئىران ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ئىككى تەرەپلىك سەۋىيەدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى (YDSK)، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسى (OSPG)، ئارىلاشما ئىقتىساد كومىتېتى (KEK) ۋە سىياسىي مەسلىھەتلىشىش مېخانىزملىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ۋە قەرەللىك شەكىلدە يۈرۈشتۈرۈلمەكتە.

تىلغا ئېلىنغان مېخانىزملارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ ئورياق رىياسەتچىلىكىدە 2025-يىلى 29-ئىيۇل ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا ئىككى دۆلەت جۇمھۇر رەئىسلىرى تەرىپىدىن «ئورتاق بايانات» ۋە «YDSK قارارى» تېكىستى ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ تېكىستلەر بىلەن بىرگە مائارىپ، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، قاتناش، ئالاقە، بانكا، ئەركىن ئىقتىسادىي رايونلار، سۈنئىي ئىدراك ۋە ئالەم بوشلۇقى، پەن-تېخنىكا، دورا ۋە تېببىي ئۈسكۈنىلەر، سەھىيە، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەدلىيە ساھەلىرىدە جەمئىي 20 ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئىدى.

قازاقىستان تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىدۇر. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سودا مىقدارى 2025-يىلى يانۋاردىن نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 8.95 مىليارد دوللارغا يەتتى.

نۆۋەتتە تۈرك مەبلىغىدىكى 3 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت ۋە كارخانا قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە پائالىيەت كۆرسەتمەكتە. قازاقىستاندىكى تۈرك تىجارەتچىلىرى ئاساسلىقى يېمەكلىك ساھەسى، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، دورا-خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش، مېھمانساراي ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

قازاقىستان تۈركىيە نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە رۇسىيە ۋە ئىراقتىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ تەمىنلىگۈچى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا بولۇپمۇ نېفىت، تەبىئىي گاز، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە تىرانسپورتى قاتارلىق تېمىلار ئادىنقى پىلانغا چىقماقتا.

تۈركىيە قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېنېرگىيەدىن باشقا ساھەلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. 2025-يىلىغا قەدەر تۈركىيەدىن قازاقىستانغا سېلىنغان مەبلەغ مىقدارى 5.8 مىليارد دوللارغا  يەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى