ترامپ قۇدرىتى«ئاجىزلاشتۇرۇلدى» دېگەندىن كېيىنلا ئىران ئىسرائىلىيەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى

ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «12-قانال» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران پەيشەنبە ئەتىگىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا كەڭ رايونلارغا رايونلارغا ئۈچ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغان.

By
2026-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىران ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ ئاسمىنىدا كۆرۈندى. / AA

«12-قانال» ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلاردا ھاۋا ھۇجۇمى سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمنى توسۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ پەقەت چەكلىك ساندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى قالغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدىن بىرنەچچە مىنۇت كېيىن، ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھايفا پورت شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاق سارايدا قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ئىراننىڭ «بەك ئاز» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى قالغانلىقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلەنگەنلىكى»نى ئېيتقانىدى.

ترامپ يەنە ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنىڭ يەنە ئىككى-ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا باشلىغان ۋە ئارىسىدا شۇ مەزگىلدىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېي قاتارلىق 1340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن بۇيان رايون جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى؛ بۇ ھۇجۇملار تالاپەت ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەر شارى بازىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگىمۇ توسالغۇ پەيدا قىلدى.