خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مىسىردا پارلامېنت سايلىمى باشلاندى
ئىككى باسقۇچلۇق سايلامدا، پارلامېنتتىكى 568 ئورۇندۇق ئۈچۈن 63 مىليون سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىدۇ.
مىسىردا پارلامېنت سايلىمى باشلاندى
مىسىردا پارلامېنت سايلىمى باشلاندى / AFP

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن پارلامېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى باشلىدى.

دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەل-قاھىرە خەۋەر قانىلى دۈشەنبە كۈنى، تەخمىنەن 63 مىليون سايلىغۇچىنىڭ، ئىككى باسقۇچلۇق سايلامدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 568 ئەزاسىنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىككى كۈن داۋامىدا ئىسكەندەرىيە، ئەسيۇت، ئەسۋان، بۇھەيرە، بېنى سۇۋەيف، فەييۇم، گىزە، لۇكسور، ماتروھ، مىنيا، يېڭى ۋادى، قېنا، قىزىل دېڭىز ۋە سۇھاژ ئۆلكىلىرىنىڭ 70 سايلام رايونىدىكى 5606 كىچىك كومىتېتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

جەمئىي 1287 نامزات رىقەبەتلەشمەكتە؛ بۇلارنىڭ 1143 ى يەككە سىستېما ئاستىدا مۇستەقىل، 142 ى بولسا پارتىيە تىزىملىك سىستېمىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشمەكتە.

مىسىرنىڭ 596 ئورۇندۇقلۇق ئاۋام پالاتاسى، 284 ى يېپىق تىزىملىك سىستېمىسى بىلەن ۋە 284 ى يەككە سىستېما بىلەن سايلانغان جەمئىي 568 سايلانغان ئەزادىن باشقا، پىرېزىدېنت پەرمانى بىلەن بىۋاسىتە تەيىنلەنگەن 28 ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچنىڭ نەتىجىسى 18-نويابىر ئېلان قىلىنىدۇ.

كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك پىلانى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سايلام ساندۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ تاراتقۇ مەركىزىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەلدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى 7-8-نويابىر كۈنلىرى 117 دۆلەتتىكى مىسىر ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئىككىنچى باسقۇچ چەت ئەلدىكى سايلىغۇچىلار ئۈچۈن 21-22-نويابىر، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالار ئۈچۈن بولسا، قالغان 13 ئۆلكىدە 24 – ۋە 25-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچنىڭ نەتىجىسى 2-دېكابىر ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ سايلاملار، پارلامېنت ئۈستۈنكى پالاتاسى بولغان كېڭەش پالاتاسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن بىر نەچچە ئاي كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئاۋام پالاتاسى، ئاساسىي قانۇن رامكىسى ئىچىدە قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان مىسىر سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇل تاشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2020-يىلى ئاخىرىدا سايلانغان ھازىرقى پارلامېنت، بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2026-يىلى 1-ئايدا تاماملايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye and Egypt deepen strategic ties with first joint naval exercise in 13 years
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى