ئىران پىرېزىدېنتى تەسلىم بولمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، قوشنا دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىدى

ۋاقىتلىق رەھبەرلىك كېڭىشى ئىراننىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قىلىدىغان ھۇجۇملىرىنى توختىتىدىغانلىقى، پەقەت شۇ دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىرانغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاندىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.

By
ھامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئىرانغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ۋاقىتلىق كېڭەشنىڭ ئۈچ ئەزاسىدىن بىرى ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان. ئا پ. / AP

ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان شەنبە (2026-يىلى 7-مارت) كۈنى ئۇرۇش ئىككىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكاغا ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان نۇتقىدا، ئىراننىڭ دۈشمەنلىرى «ئىران خەلقىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىدەك ئارزۇسىنى گۆرىگە ئۆزى بىللە ئېلىپ كېتىشى كېرەك» دېدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا قارشى زەربە بېرىپ، ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېينى ئۆلتۈرگەن ۋە رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشنى قوزغىغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىران ئىسرائىلىيەگە ۋە ئاساسلىقى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن زەربە بېرىپ جاۋاب قايتۇردى.

پەزەشكىيان ھامەنېي ئۆلتۈرۈلگەندىن بۇيان ئىراننى باشقۇرۇۋاتقان ئۈچ كىشىلىك ۋاقىتلىق رەھبەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىدۇر.

ئۇ نۇتقى جەريانىدا ئىراننىڭ رايوندىكى ھۇجۇملىرى ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىدى، ھەمدە ئەگەر ھۇجۇم شۇ دۆلەتلەردىن كەلمىسىلا، ئۇلارنىڭ نىشان قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «مەن ئۆزۈمگە ۋە ئىرانغا ۋاكالىتەن، ئىران تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قوشنا دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىشىم كېرەك» دېدى.

ۋاقىتلىق رەھبەرلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن (6-مارت) ئەگەر ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇم شۇ دۆلەتلەردىن كەلمىگەنلا بولسا، قوشنا دۆلەتلەرگە قايتا ھۇجۇم قىلىنمايدىغانلىقى ۋە ھېچقانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى.