قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي ۋە ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ بەردى
ئەلبايدار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر بەش ئۆي ۋە بىرنەچچە ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەرگەن.
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ئەلخەلىل شەھىرى جەنۇبىغا جايلاشقان سۇسيە يېزىسىدا، رامىزان ئېيى بويىچە داۋاملاشقان ھۇجۇملار دائىرىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي ۋە ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ بەردى. ئەلبايدار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ بەش ئۆي ۋە بىرنەچچە ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەشكىلات يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ يېزىغا بېسىپ كىرىپ، زور مىقداردا ماددىي زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار ئارىسىدا ۋەھىمە ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەر بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىچىگە ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىسى تاشلىغان بولۇپ، گازدىن زەھەرلەنگەن تۆت كىشى بوغۇلۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
يېزا جايلاشقان مەسافېر ياتتا رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەر قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدە مەجبۇرىي چارۋا بېقىش قاتارلىق سىجىل ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ھازىرغىچە يەرلىك ئاھالىلەر كۆچمەنلەر زوراۋانلىقىنى توختىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كۆپ قېتىم چاقىرىق ئېلان قىلدى.
غەربىي قىرغاقتىكى جىددىيچىلىك
مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. پەلەستىن تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 1116 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، 11 مىڭ 500 كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە 22 مىڭ كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.
پەلەستىنلىكلەر بۇ جىددىيچىلىكنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى رەسمىي ھالدا ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىشقا زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىدا كۆزدە تۇتۇلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىرغاقنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى دەپ قارايدۇ ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۇ يەردىكى ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىنى قانۇنسىز دەپ ھېسابلايدۇ. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى ئىيۇلدا ئېلان قىلغان قارارىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىنى قانۇنسىز دەپ بېكىتتى ھەمدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق يەھۇدىي كۆچمەن رايونلىرىنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.