تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتا بەرپا قىلىشقا قارىتىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا 37 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى. بۇ قىلمىشلارنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتا ئورنىتىشقا قارىتىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىق شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal دا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈن غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىزچىل خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ غەززەدىكى تىنچلىق مۇساپىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يۆنىلىشىدىكى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «رايوندا تىنچلىقنى خالىمايدىغانلىقىنى» يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مىنىستىرلىق «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى بىلەن قوبۇل قىلىنغان تىنچلىق پىلانىنىڭ بارلىق ماددىلىرىغا، ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قوغدىلىشىغا ۋە غەززەگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي يەتكۈزۈلۈشىگە ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى» تەكرارلىدى.
باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 524 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا 37 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.