ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
ئاقساراي: «پىرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ مۇھىم دىپلوماتىيە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئىشلىتىش ھەمىشە باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا باغلىق بىر تاللاشتۇر» دېدى.
ئاقساراي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئىشلىتىشنىڭ «ھەمىشە بىر تاللاش» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى شىمالىي قۇتۇپتا ئىستراتېگىيەلىك بىر ئامېرىكا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىش نىشانى، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى. گىرېنلاندىيە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈشنى «شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى دۈشمەنلىرىمىزنى توسۇش» ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاقساراي: «پىرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ مۇھىم دىپلوماتىيە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئىشلىتىش ھەمىشە باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا باغلىق بىر تاللاشتۇر» دېدى.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى گىرېنلاندىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللار ھەققىدە ئوۋال ئىشخانىسىدا (Oval Office) ئاكتىپ مۇنازىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە مەسلىھەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك تاللاشلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيدۇ»
مەزكۇر ئەمەلدار ناتو (NATO) رەھبەرلىرىنىڭ گىرېنلاندىيەنى قوللايدىغان كۈچلۈك باياناتلىرىنىڭ ترامپنى رايىدىن ياندۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمەلدار پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ قالغان ئۈچ يىلىدا گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش نىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك: «بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيدۇ» دېدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن سۆزلىگەن ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، تاللاشلار ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ گىرېنلاندىيەنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىشى ياكى بۇ رايون بىلەن «ئەركىن ئىتتىپاقلىشىش كېلىشىمى» (COFA) ئىمزالىشى بار ئىكەن. ئەمما «ئەركىن ئىتتىپاقلىشىش كېلىشىمى» ترامپنى 57 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ ئارالنى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش نىشانىغا تولۇق يەتكۈزەلمەيدىكەن.
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى ئۈچۈن ئويلىنىۋاتقان باھا تېخى ئاشكارىلانمىدى.
ئەمەلدار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دىپلوماتىيە پىرېزىدېنتنىڭ ھەر قانداق مەسىلىدە ۋە كېلىشىم تۈزۈشتە ھەمىشە بىرىنچى تاللىشى بولۇپ كەلدى. ئۇ كېلىشىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياخشى بىر كېلىشىم تۈزۈش مۇمكىن بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ ئارالنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم كان بايلىقلىرىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ بايلىقلار ئىشچى كۈچى كەمچىل بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن تېخىچە قېزىلماي تۇرماقتا.
ياۋروپانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرى ۋە كانادا رەھبەرلىرى سەيشەنبە كۈنى گىرېنلاندىيەنى قوللاپ سەپ تۈزدى ۋە شىمالىي قۇتۇپتىكى بۇ ئارالنىڭ ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلققە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.