جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
جەنۇبىي كورېيە ساقچى ئىدارىسى دۆلەت پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئولنى «ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈش باشلىدى.
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
#NKV04 : جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى فۈرۈكنى ئىلان قىلدى / AA

كورېيە ساقچى ئىدارىسى «كورېيەنى قايتا قۇرۇش پارتىيەسى» ناملىق ئۆكتىچى پارتىيە ۋە 59 پائالىيەتچىنىڭ ئەرزىگە قاراپ چىقىپ، يۇننى «ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەرزنامىلەردە يۇندىن باشقا، ھەربىي ھالەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يوڭخيۇن، ھەربىي ھالەت قوماندانى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئارمىيە باش ئىشىتابى باشلىقى گېنېرال پارك ئانسۇ ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لى ساڭ-مىنمۇ «ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلىش ۋە باشقا جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاكىمىيەت  بېشىدىكى خەلق كۈچى پارتىيەسى (PPP) رەھبىرى خان دوڭ-خۇن ئۆكتىچىلەرنىڭ يۇننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ تەكلىپنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى ئاۋاز تەلەپ قىلىنىدۇ.

دۆلەت پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يول ئۆكتىچىلەرنىڭ «دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى» سەۋەبىدىن 3-دېكابىردا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەربىي ھالەتنى ئىجرا قىلىشقا ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ھەربىيلەر دۆلەت مەجلىسىگە كىرگەنىدى.

پارلامېنت جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىغان، دۆلەت مەجلىسى رەئىسلىك ئىشخانىسى ھەربىي ھالەتنىڭ «ئىناۋەتسىز» ھالغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. بۇنىڭ بىلەن يۇن قارارىدىن چېكىنىپ، مىنىستىرلار كابىنېتىنى يىغىنى ئېچىپ، كابىنېتنىڭ ماقۇللىشىدىن كېيىن ھەربىي ھالەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىمۇ؟
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ئىمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلارمۇ؟
ئامېرىكا بىلەن ئىران تىنچلىق تەكلىپىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
پاكىستاندا بومبا ھۇجۇمى ۋە توقۇنۇشلاردا 12 ساقچى ئۆلدى
ئىسرائىلىيە ئىراقتا مەخپىي بازا قۇردى ۋە ئۇنى بايقىغان ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
ياپونىيەنىڭ يېقىنقى ئاكتىپ دىپلوماتىيەسى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يانار تاغ پارتلىشىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا سەھىيە ئورگىنى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنى «3-دەرىجىلىك» جىددىي ھالەت دەپ ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكادىكى مىڭلارچە مەكتەپ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مىليونلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئوغرىلاندى