سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بىرنەچچە سائەت كېيىنلا يۈز بەردى.
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى

لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلىنىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، يەنى جۈمە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە توپقا تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە مەرجايۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق تۇلىن يېزىسىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان؛ رايوندىكى ھۇجۇملار زەمبىرەك ھۇجۇملىرى بىلەن داۋاملاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خەربەت سەلم يېزىسىمۇ بومباردىمان قىلىنغان.

تۇر ناھىيەسىدە ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى مەجدەل زۇن ئېتەكلىرىنى بومباردىمان قىلغان، شۇنداقلا كېچىچە جەززىن رايونىدىكى رىھان ئېگىزلىكلىرىمۇ بومباردىمان قىلىنغان.

بۇ ھۇجۇملار ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن باش ئەلچى دەرىجىلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىنلا يۈز بەرگەن.

ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 16-ئاپرېل يولغا قويۇلغان بولۇپ، مۇددىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى توشۇشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى داننىي دانون لىۋان بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «يۈز پىرسەنت ئەمەسلىكىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دانون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋالنى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ؛ ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى بىلىسىز. مېنىڭچە ئەسلى مەسىلە، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ياكى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ۋەياكى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھەقىقىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىدۇر.»

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-مارتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى لىۋاندا 2200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئىزدىنىڭ
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ
ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىمۇ؟
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى