خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشماي تۇرۇپ ئەسەدنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) پۈتۈن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى سەۋەبلىك تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسەدنى سوتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق قانۇنىي يوللارنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشماي تۇرۇپ ئەسەدنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئەھمەد شەرئ ئەسەدنى سوتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق قانۇنىي يوللارنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. / Reuters Archive

سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق بەئس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى رەھبىرى بەششار ئەسەدنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن قولدىكى بارلىق قانۇنىي مېخانىزملاردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئەسەدنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇۋاتقان رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شارا دۈشەنبە كۈنى CBS خەۋەرلەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل بىر ئەۋلاد غايەت زور روھىي جاراھەتلەرگە ئۇچرىدى. شۇڭلاشقا، ئازادلىق دەۋرى كىشىلەرگە قايتىپ كېلىش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد بېغىشلاش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم.»

پىرېزىدېنتلىق مەنسىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەققىدە توختالغان شارا: «بۇ ئوردىغا كىرىش ئۇنچىۋالا ئىجابىي بىر كەچۈرمىش بولمىدى. بۇ ئوردا سېلىنغاندىن بېرى، بۇ يەردىن سۈرىيە خەلقىگە نۇرغۇن يامانلىقلار تارقالدى. بىز سۈرىيە زېمىنى سىرتىدا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدۇق، ھاكىمىيەتتىن باشقا ھېچكىمنى زەربە ئوبيېكتى قىلمىدۇق. خەلقنى جىنايەتچى ھاكىمىيەت تېڭىپ قويغان زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە بىلەن توقۇنۇش يوق

ئۇ ئەسەدنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە توختىلىپ: «بەششار ئەسەدنىڭ ئادالەتكە تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق قانۇنىي يوللارنى ئىشقا سالىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەمما رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشۇش سۈرىيە ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغان ئىش. بۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا، دەمەشق تەكشۈرۈش سوتچىسى تەۋفىق ئەلئەلى، دېلونى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (Interpol) ئارقىلىق خەلقئارا سەۋىيەگە چىقىرىشقا  تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئەسەد ئۈچۈن سىرتتىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئەسەد ئاغدۇرۇلۇپ بىر كۈندىن كېيىن، رۇسىيە ئۇ ۋە ئائىلىسىگە «ئىنسانپەرۋەرلىك پاناھلىقى» بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەخمىنەن 25 يىل سۈرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەسەد، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەگە قېچىپ، 1963-يىلى باشلانغان بەئس پارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. يانۋاردا شارا رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز