ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئاچتى

ئىسرائىلىيە گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ جەسىتى قايتۇرۇلغاندىن كېيىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ماشىنىلىرىغا قايتىدىن ئاچتى.

ئىسرائىلىيە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئاچتى / Reuters

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى KAN نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تۆت گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنىڭ جەسىتى قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، غەززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئېچىش ۋە غەززەگە ئىنسانىي ياردەم يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىش قارارى چىقارغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ھاماسقا قارشى پىلانلىغان ۋە رايونغا كىرىدىغان ياردەم يۈك ماشىنىلىرىنىڭ سانىنى يېرىمغا ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەدبىرلەرنى بىكار قىلغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقاپ تۇرۇش قارارى، ھاماسنىڭ ئامېرىكا ئارقىلىق تۈزۈلگەن يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن قول ئىلكىدىكى گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى ۋە جەسەتلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى تېپىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن چىقىرىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ياردەملەرنىڭ چېگرا بويىدىكى پەلەستىن تەرىپىدە يۈك ماشىنىلىرىدىن چۈشۈرۈلۈشىنى، ئاندىن غەززەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىشىنى شەرت قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) باياناتچىسى رىكاردو پىرېس مۇنداق دېدى:

«بارلىق چېگرا ئېغىزلىرى ئوچۇق بولۇشى كېرەك. رەفاھ چېگرا ئېغىزى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت تاقىلىپ تۇرسا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر شۇنچە ئۇزىراپ كېتىدۇ.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. ئاخىرقى ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنىڭ پەلەستىنلىك ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشى، ياردەم ماتېرىياللىرىنىڭ رايونغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈشى ئۈمىدىنى ئاشۇردى. يەر شارى خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش ئورگىنى يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى خىرىستىيان كاردون سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

 «بىز يەنىلا پەقەت بىرنەچچە يۈك ماشىنىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ يۈك ماشىنىلىرىغا يېقىنلاشقان كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىنسانىي ئۆلچەملەرگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلماقتا.»

ب د ت دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان 137 يۈك ماشىنىسىنىڭ رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى غەززەدە ئۇدا بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان ياردەم ئالمىغان 400 مىڭ كىشىگە تېز سۈرئەتتە ماتېرىيال يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.