غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە ئىمارەتلەرنى چېقىپ تاشلىدى.

By
ئىسرائىلنىڭ غەربىي يەرشېرىدىكى باستۇرۇش ۋە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا / AA

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە بىر قىسىم ئىمارەتلەرنى چېقىپ تاشلىدى ۋە 1 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ راماللاھقا قاراشلىق دەير ئىبزى بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەقىقىي ئوق، ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە ئاۋاز بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىنلىك ياشلارنىڭ بولسا تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، راماللاھنىڭ نەبى سالىھ بازىرىدا بىر ياشنى نازارەتكە ئېلىپ، ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، يەنە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى بېرزېيت بازىرىغىمۇ باستۇرۇپ كىردى. بىر ئۆي ۋە ئىككى ھايۋان قوتىنىنى چېقىپ تاشلىدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ كالكىليانىڭ ھەججە ۋە بەكا ئەل-خاتاب بازارلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما نازارەتكە ئېلىنغان كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇچۇر قىلدى. ئىيوردان ۋادىسىدا، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەل-مەلىھ پەلەستىن بەدەۋىي جامائىتىدىكى مۇھەممەد فارىس سۇبەيھكە تەۋە بىر تۇرالغۇ ئۆي بىلەن ئىككى ھايۋان قوتىنىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، يەنە جېنىننىڭ جەنۇبىدىكى كاباتىيە ۋە زەبابدەھ بازارلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، زەبادەھ بازىرىدىكى توقۇنۇشلاردا ئاۋاز بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى ئىپادىلەندى.

ئىش ئورۇنلىرىغا تەۋە بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ سىنلىرى مۇسادىرە قىلىندى. شاھىتلار ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ كەفر ئەقاب مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ، بىر قىسىم ئىش ئورۇنلىرىغا كىرىپ بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ سىن ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۇباس شەھىرىگە قاراشلىق ئەل-فەرئا مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىنلىك ياشلارغا ھەقىقىي ئوق بىلەن ئوق چىقارغان.

غەززەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى، غەربىي قىرغاقتا كەم دېگەندە 1072 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، تەخمىنەن 10 مىڭ 700 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە 20 مىڭ 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

غەززەدە بولسا 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردە باشلانغان ۋە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان 69 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىگە، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن توختىتىلغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە قايتا قۇرۇش خىراجىتىنىڭ تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.