سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندا توي مۇراسىمىدا پارتلاش يۈز بەردى
پاكىستاندا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرى رەھبىرىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى جەريانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
پاكىستاندا توي مۇراسىمىدا پارتلاش يۈز بەردى
پاكىستان ساقچى تەرەپ پارتلاشنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانماقتا. رويتېرس. / Reuters
 

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە (2026-يىلى 23-يانۋار) كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان خەيبەر پاكتۇنخۋا ئىشتاتىنىڭ دەرا ئىسمايىلخان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر توي مۇراسىمىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

گېئو خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيە قانىلى (Geo News)  نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان «تىنچلىق خەلق ئەسكەرلىرى» نىڭ رەھبىرى نۇر ئەلەم مەخسۇتنىڭ ئۆيىدە، مېھمانلار تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچۈن جەم بولغاندا يۈز بەرگەن.

ساقچى تەرەپ پارتلاشنىڭ ئېنىق خاراكتېرىنى بېكىتىش ئۈچۈن يەنىلا تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى گۇرۇپپا بۇ پارتلاشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Suicide bombing targets Pakistan paramilitary HQ, killing three troops and three terrorists

بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايوننى قورشاۋغا ئېلىپ تەكشۈرۈش باشلىدى، يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلدى. ئەمەلدارلار يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئاشكارىلىمىدى.

بۇ ھۇجۇم ئافغانىستان بىلەن چىگرالىنىدىغان خەيبەر پاكتۇنخۋا رايونىدىكى داۋاملىشىۋاتقان بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ رايوندا قوراللىق ھۇجۇملار كۆپەيگەن بولۇپ، ھۇجۇملاردا دائىم بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان كىشىلەر نىشان قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026