ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
Common Sense Media نىڭ دوكلاتىدا ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT نىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىدا يوچۇق بارلىقى ۋە بالىلارغا «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خەۋپ - خەتەر» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
 

Common Sense Media چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، OpenAI شىركىتىنىڭ «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ChatGPT» (ChatGPT for Teens) مەھسۇلاتىغا قوشقان بەزى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سۈنئىي ئەقىل روبوتىنىڭ بالىلار ئۈچۈن «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خەۋپ - خەتەر» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسى OpenAI شىركىتىنى سۈنئىي ئەقىل روبوتىنى «بىخەتەر ۋە بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ماس كېلىدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلىيەلىگۈدەك ھالەتكە كەلگۈچە» ئىشلىتىش دائىرىسىنى پەقەت چوڭلار بىلەنلا چەكلەشكە چاقىردى. OpenAI بولسا بۇ گۇرۇپپىنىڭ سىناقلىرى سۈنئىي ئەقىل روبوتىنىڭ قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت جەريانىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاتا-ئانىلار، مائارىپچىلار ۋە بالىلار تەرەققىياتى مۇتەخەسسىسلىرى سۈنئىي ئەقىل روبوﺗلىرىنىڭ بالىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرمەكتە. بۇ سۈنئىي ئەقىل قوراللىرى مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەتتا چوڭلارمۇ سۈنئىي ئەقىلنى ئىنسانلاشتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ساغلام بولمىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالىدىغان بولغاچقا، مېڭىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ئۆسمۈرلەر بۇ خىل خەتەرلەر ئالدىدا تېخىمۇ ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا.

رەقەملىك تاراتقۇلارنى ئەقىل بىلەن ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان Common Sense Media نىڭ دوكلاتىدا: «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ChatGPT نىڭ ئاتا-ئانىلارغا دائىم ئىشقا يارىمايدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە خاتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز» دېيىلدى.

دوكلاتقا قارىغاندا، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمىگەن ئۆسمۈرلەر مودىنىڭ ئىقتىدارلىرى ئارىسىدا بالىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى غىزالىنىش تەرتىپى بۇزۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاتا-ئانىلارغا ئۇقتۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇشلار، شۇنداقلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى بار ئىدى.

نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسى: «ئۆسمۈرلەر ChatGPT نىڭ بىر ئىنسان سۈپىتىدە كۆرگىنىدە، ئۇ يەنىلا بىر دوستىدەك سۆزلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. ھالبۇكى، OpenAI سۈنئىي ئەقىل بوتىنىڭ ئىشلەتكۈچىگە قارىتا شەخسىي ھېسسىياتى بارلىقىدەك تەسىر بېرىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئاڭلىق ياكى ھېسسىياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

OpenAI «ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز ۋە ئەھمىيەت بېرىمىز» دەپ بايانات بېرىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئۆسمۈرلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىشىنى يېتەكلەيدىغان قوراللارنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سان فىرانسىسكوغا جايلاشقان بۇ شىركەت يەنە دوكلاتتىكى سىناق ئۇسۇللىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، سىناقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارى تولۇق قوزغىتىلىپ بولغۇچە باشلىنىپ ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

Common Sense Media شىركىتى بولسا ئۆزى باھالايدىغان شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان OpenAI ۋە باشقا تېخنولوگىيە شىركەتلىرى تەمىنلىگەن مەبلەغلەرنى قوللىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026