خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ «F-35» كۈرەشچى ئايروپىلان پىروگراممىسىغا قايتىشىنى قوللايدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنىڭ تۈگىتىلىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىغا قايتىپ كېلىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ «F-35» كۈرەشچى ئايروپىلان پىروگراممىسىغا قايتىشىنى قوللايدۇ
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ F-35 پروگراممىسىغا قايتىشى ناتونى كۈچلەندۈرىدۇ دېدى. / AA

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان پىروگراممىسىغا قايتىپ كېلىشىنىڭ ئەنقەرە ۋە ۋاشىنگتون ئۈچۈن ئىجابىي بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناتونىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ناتو باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە بايانات بەرگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ناتو كۆزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىن شاھىن (Jeanne Shaheen) تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنى تۈگىتىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىلسا، تۈركىيەنىڭ پىروگراممىدىن چىقىرىلىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شاھىن مەزكۇر سىستېمىنىڭ «F-35» تېخنىكىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى يوقىتىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ پىروگراممىغا قايتىپ كېلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ناتودىكى رولى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي باھا بېرىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە نىشانلىرى

شاھىن بارلىق ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 2% لىك مۇداپىئە چىقىمى نىشانىغا يەتكەنلىكىنى ۋە چىقىملارنىڭ 2025-يىلى 20% ئۆسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاش مەقسىتىدە، ھورمۇز بوغۇزىدىكى مىنالارنى تازىلاش پائالىيەتلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك راوندس (Mike Rounds) تۈركىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن مۇھىم بىر تۆھپىكار دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر رەقىب بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنى بايلىق بىلەن تەمىنلەشتە قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلساق، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى دەل F-35  كە ئوخشاش بىر قورالغا ئىگە بولۇشتۇر» دەپ، تۈركىيەنىڭ بۇ تۈردىكى دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىشارەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى