خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
جاۋا ئارىلىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كە ئۆرلىدى
غەربىي جاۋادا زور كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىدىن كېيىن، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 12 كۈن بولدى.
جاۋا ئارىلىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كە ئۆرلىدى
جاۋا ئارىلىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كە ئۆرلىدى / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى 12-كۈنىگە قەدەم قويغان، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كە يەتكەن.

«Kompas TV» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر ئاپەت رايونىدا تېخىمۇ كۆپ جەسەتنى تاپقان بولۇپ، جەزملەشتۈرۈلگەن قازا قىلغانلار سانى 85 كە ئۆرلىگەن.

دائىرىلەر تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بەرمىگەن، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

شەنبە كۈنى، بانۇڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى 70 دەپ ئېلان قىلىنغاندا، يەنە 10 كىشىنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى 24-يانۋار كۈنى غەربىي بانۇڭ رايونىدىكى بىر كەنتتە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئونلىغان ئۆي لاي-باتقاق ۋە خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغان.

يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ دەپ بىلىنىدىغان ۋە تاغ گۈرۈللىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ رايوندىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Rescuers race through deep mud as landslide toll rises in Indonesia
ئىزدىنىڭ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەنئاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پولشانىڭ كىراكۇۋ شەھىرىدە بىر ئاشقۇن ئوڭچىل قوراللىق ھۇجۇمچى ئالتە كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى