ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ئاپرېلدا ئۆزەك ئېكىسپورتى نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ئېكسپورتىنىڭ %17.2 ئۆسۈشى، يانفون ۋە بىئوفارماتسېۋتىكا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن، جەنۇبىي كورېيە ئاپرېل ئېيىدا 58.2 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى.
جەنۇبىي كورېيە ئاپرېلدا ئۆزەك ئېكىسپورتى نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى
Its exports in April totalled $58.2 billion, up 3.7 percent year-on-year. / Photo: Reuters / Reuters

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆزەك ئېكسپورتى ئاپرېل ئېيىدا زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، سودا سانلىق مەلۇماتلىرى بۇنى نامايان قىلدى، بىراق ئامېرىكا تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى سودا كەسكىنلىكى داۋاملاشماقتا.

ئاسىيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان جەنۇبىي كورېيە ۋاشىنگتوننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزەك ۋە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە تاموژنا مۇلازىمىتى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى ئېكسپورتى جەمئىي 58.2 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.7 ئاشقان.

سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولغان ئۆزەكلەرنىڭ ئېكسپورت نىسبىتى %17.2 ئاشقان، بۇ تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش، شۇنداقلا ئاپرېل ئېيى ئۈچۈنمۇ ھازىرغىچە يارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

يانفون، سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە بىئوفارماتسېۋتىكا مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىمۇ %26.5 ۋە %21.8 يۇقىرى ئۆرلىگەن.

سېئول ۋە ۋاشىنگتون 8-ئىيۇلدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تاموزنا بېجىنى توڭلىتىش بەلگىلىمىسنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، يېڭى باجلارنى بىكار قىلىشنى نىشان قىلغان «سودا لايىھەسى» ھازىرلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

ۋاشىنگتون مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا پولات ئىمپورتىغا %25 ۋە ئاپتوموبىل ئىمپورتىغا %25 باجنى يولغا قويغان ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپرېل ئېيىنىڭ باشلىرىدا %10 لىك ئومۇمىي باج كۈچكە ئىگە بولدى ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان يۇقىرى «ئۆزئارا» باجلار 90 كۈنلۈك توڭلىتىلغان ئىدى.  

بۇ سودا سانلىق مەلۇماتلىرى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى جەنۇبىي كورېيە SK hynix شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە بولغان ئالەمشۇمۇل تەلەپنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى سەۋەبىدىن، رېكورت دەرىجىدە پايدا كۆرگەنلىكىنى جاكارلىشىدىن بىر ھەپتە كېيىن ئېلان قىلىندى.

بۇ شىركەتنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى رەقىبى، ئالەمشۇمۇل ئۆزەك ۋە يانفون ئىشلەپچىقىرىش گىگانتى بولغان Samsung Electronics  چارشەنبە كۈنى يانفون سېتىش نىسبىتىنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ساپ پايدىسى %21.7 ئېشىپ، مۆلچەردىن يۇقىرى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۆسىن تۈزەش مەھسۇلاتلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى ئېكىسپورتى %20.8 ئاشتى، يېزا-ئىگىلىك ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىمۇ %8.6 يۇقىرى ئۆرلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان ئېكسپورت %18.4 ئېشىپ، ئايلىق 6.7 مىليارد دوللا بىلەن رېكورت ياراتتى. خىتايغا بولغان ئېكسپورتمۇ %3.9 ئاشتى.

ئەمما، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئېكسپورتى %6.8 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىمۇ %3.8 تۆۋەنلەپ كەتتى.

سودا مىنىستىرى ئاخن دۇك-گىئۇن، بۇ سانلىق مەلۇماتلار، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا بولغان ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىماي، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاساسلىق بازارلارغا بولغان ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى، «سىرتقى مۇقىمسىزلىقلارغا قارىماي كورېيە ئېكسپورتلىرىنىڭ رىقابەتچانلىقى مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر» دېدى.

ئاپرېل ئېيىدا ئىمپورت %2.7 تۆۋەنلەپ، 4.8 مىليارد دوللارغا يەتتى.  بۇ ئالدىنقى ئايدىكى 4.98 مىليارد دوللاردىن تۆۋەن.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى