2024-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى
ت ر ت باش مۇدىرى زاھىد سوباجى 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تۈركىيەگە قارىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى ياشىغىلى بولىدىغان ۋە تېخىمۇ ئادىل ماكانغا ئايلاندۇرىدىغان پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۇپا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يەككە مەركەزلىك نۇقتىئىينەزەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەچچە يىل كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئىپادە قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقالىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىنىڭ بىر مۇنازىرە سۇپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى كونكرېت ھەل قىلىش چارەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مەيدانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇنبىرىمىز ئۆز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى دۇنيا مىقياسىدا بىر يەرگە توپلاپ، ئۆزئارا ھەمكارلىققا ئاساس سېلىشتا رول ئوينايدۇ. ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى بىلەن بىز ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلاردا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىمىز. ئىزىلگەنلەردىن باشقا، بىز نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ۋە يالغۇز قالغانلارنىمۇ خەلقئارا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئېلىپ چىقىمىز. ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىنىڭ <دۇنيا بەشتىن چوڭ> ۋە <تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن > دېگەن شۇئار بىلەن كۈچەيگەن سۆزىدە ئىپادىلەنگەن چۈشىنىشنىڭ ئىپادىسى. مەزلۇملارغا زۇلۇم قىلىدىغان ۋە مەزلۇملارنىڭ ئاۋازىغا سۈكۈت قىلىدىغان خەلقارالىق تەرتىپكە قارشى چىقىشنىڭ ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇ نۇقتىنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، بىز ت ر ت دۇنيا مۇنبىرىنى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىقنى، مەسىلىلەرنىڭ ئورنىغا ھەل قىلىش چارەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان دۆلىتىمىزنىڭ بۇ خىل نۇقتىئىينەزىرىدىن ئىلھام ئالغان ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. بىز خەلقئارا مۇرەسسەلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايمىز.»
ئۇ بۇ يىلقى مۇنبەرگە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مىنىستىرلار، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق مېھمان، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 150 كە يېقىن سۆز قىلغۇچىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە

























