ئىسپانىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 21 كىشى ئۆلۈپ، ئونلىغان كىشى يارىلاندى

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئىككى پويىزدا جەمئىي 400 ئادەمنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

By
ئىسپانىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 21 كىشى ئۆلۈپ، ئونلىغان كىشى يارىلاندى / Reuters

جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈزلىگەن يولۇچىنى توشۇۋاتقان ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 21 كىشى قازا قىلىپ، 70 تىن ئارتۇق كىشى يارالانغان.

ئىسپانىيە تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئورگىنى Adif نىڭ X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ پاجىئە يەكشەنبە كۈنى مالاگا (Malaga) دىن مادرىدقا كېتىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئادامۇز (Adamuz) ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، قارشى يۆنىلىشتىكى رېلىسقا ئۆتۈپ باشقا بىر پويىز بىلەن سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن. سوقۇلۇشنىڭ تەسىرىدە يەنە بىر پويىزمۇ رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

بىر ساقچى باياناتچىسى دەسلەپتە AFP خەۋەر ئاگېنتلىقىغا كوردوبا (Cordoba) ئىشتاتىدىكى ۋەقەدە بەش ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 21 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەندۇلۇس رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋال مەسئۇلى ئانتونىيو سانز ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاز دېگەندە 73 ئادەمنىڭ يارالانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى پويىز ۋاگونلىرىدا قىسىلىپ قالغان يولۇچىلار سەۋەبلىك يارىلانغانلار سانىنىڭ 100 گە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى. كوردوبا ئوت ئۆچۈرۈش باشلىقى فىرانسىسكو كارمونا RTVE تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا: «مەسىلە شۇكى، ۋاگونلار قاتتىق ئېزىلىپ كەتكەن، شۇڭا مېتال دۆۋىلىرى ئىچىدە ئىنسانلار بىلەن بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. تىرىك بىر ئادەمگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەتتا بىر جەسەتنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئىنتايىن قىيىن ۋە جاپالىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.

RTVE تېلېۋىزىيەسىگە سۆز قىلغان بىر شاھىت، بىرىنچى پويىزنىڭ ۋاگونلىرىدىن بىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندىكى خىزمەتلىرى كۆرۈندى. پويىزلارنىڭ بىرىدە كېتىۋاتقان RNE مۇخبىرى، سوقۇلۇش پەيتىنىڭ خۇددى «يەر تەۋرەش»كە ئوخشاش ھېس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. يولۇچىلارنىڭ ۋاگونلاردىن چىقىش ئۈچۈن جىددىي ئەھۋال خادىملىرى بىلەن دېرىزىلەرنى چاققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«خۇددى قورقۇنچلۇق فىلىمدەك»

رېلىستىن چىقىپ كەتكەن بىرىنچى پويىزدا كېتىۋاتقان لۇكاس مېرياكو La Sexta تېلېۋىزىيەسىگە: «بۇ يەر خۇددى قورقۇنچلۇق فىلىمگە ئوخشاپ قالدى» دېدى. مېرياكو: «ئارقىمىزدىن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر زەربىنى ھېس قىلدۇق ۋە پۈتۈن پويىز ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك، پارچىلىنىپ كېتىدىغاندەك بىر تۇيغۇغا كەلدۇق... ئەينەك پارچىلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن يارىلانغانلار بار ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئىككى پويىزدا جەمئىي 400 يولۇچىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. Adif، مادرىد بىلەن ئەندۇلۇس شەھەرلىرى (كوردوبا، سېۋىللا، مالاگا ۋە ھۇئېلۋا) ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشىنىڭ ھازىرچە دۈشەنبە كۈنىگىچە توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا مادرىد، سېۋىللا، كوردوبا، مالاگا ۋە ھۇئېلۋا بېكەتلىرىدە، قازا قىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلدى.

پادىشاھلىق سارىيى X ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، پادىشاھ 6-فېلىپې ۋە خانىش لېتىزىيانىڭ خەۋەرلەرنى «چوڭ ئەندىشە» بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆلگەنلەرنىڭ يېقىنلىرىغا ۋە سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارالانغانلارغا سۆيگۈمىزنى ۋە تېزراق ساقىيىپ كېتىش تىلەكلىرىمىزنى يوللايمىز» دېيىلدى.

ئىسپانىيە؛ مادرىد، بارسېلونا، سېۋىللا، ۋالېنسىيە ۋە مالاگا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق لىنىيەسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىغا ئىگە بولۇش بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بۇ دۆلەت ئەڭ ئېغىر تۆمۈر يول پاجىئەلىرىدىن بىرىنى 2013-يىلى، مادرىدتىن گالىسىياغا كېتىۋاتقان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 79 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 179 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى بىلەن باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.