تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى: سۈرىيە زېمىنى تېررورلۇقتىن تازىلىنىشى كېرەك
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى باش ئەلچى ئەخمەت يىلدىز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى: سۈرىيە زېمىنى تېررورلۇقتىن تازىلىنىشى كېرەك
Əhməd Yıldız / TRT

باش ئەلچى يىلدىز يىغىندا سۈرىيە زېمىنىنىڭ تېررورلۇقتىن تازىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، سۈرىيەدە پ ك ك / ي پ گ، دائىش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «(بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك / ي پ گ سۈرىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، سۈرىيەنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشى ۋە گۈللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. پ ك ك / ي پ گ نىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت مەنبەلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقى ئاخىرلىشىشى، بۇ مەنبەلەر سۈرىيەلىك ھەقدارلارغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى.

باش ئەلچى يىلدىز تىنچ ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ تېررورنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنى سۈرىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ياردەم ئىشلىرى كوردىناتورى توم فلېتچېر، تۈركىيە چېگراسى ئارقىلىق سۈرىيەگە يەتكۈزۈلگەن ياردەملەرنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە 2 يىل ئۇزارتىلدى
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى