خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋادا بىر قەھۋەخانا يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
موسكۋادا كۆڭۈل ئېچىش ئورنى يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. 3 كىشى ئۆلۈپ، 15 كىشى يارىلاندى
موسكۋادا بىر قەھۋەخانا يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
موسكۋادا بىر قەھۋەخانا يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى

ساقچى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

روسىيە ئىچكى ئېشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كەچتە موسكۋادىكى كۇدرىنسكايا مەيدانىدىكى بىر قەھۋەخانا يېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ يارىلاندىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ روسىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى Max تا ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پارتلاش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 20:10 ئەتراپىدا كۇدرىنسكايا مەيدانىدىكى 1-نۇمۇرلۇق بىنا يېنىدا يۈز بەرگەن.

ساقچى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى دەرھال رايونغا يېتىپ كەلگەن ۋە پارتلاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان.

روسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى Vesti نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلار پارتلاشنىڭ تەبىئىي گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تېلېگرامدىكى ASTRA kanalı بولسا نەق مەيدان گۇۋاھچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پارتلاش يۈز بەرگەن رېستوراندا بىر گېنېرالنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بۇ مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى ھەمدە رەسمىي دائىرىلەرمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر جەزملەشتۈرمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly explosion in Moscow wounds anti-Ukraine separatist
ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا