ياۋروپادا ئۆيسىزلىك مەسىلىسى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە كەلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە فىرانسىيە؛ ھەر 10 مىڭ كىشىدىن 30.7 كىشىنىڭ ئۆيسىزلىكى سەۋەبىدىن ئەڭ يۇقىرى ئۆيسىزلەر سانىغا ئىگە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا / TRT Uyghur

فىرانسىيەدە  كوچىلاردا تەخمىنەن 330 مىڭ ئۆيسىز كىشى بار. چېخىيەدە ھەر 10 مىڭ كىشىدىن 28.4 كىشى ئۆيسىز. بۇ نىسبەت چېخىيەنى فىرانسىيەدىن قالسىلا ئۆيسىزلىكتە ئىككىنچى قاتارغا تىزىدۇ. گېرمانىيە 25.8 كىشى بىلەن ئۈچىنچى ۋە ئىرېلاندىيە 25.3 كىشى بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلنىڭ كوچىلىرىدىمۇ تەخمىنەن 10 مىڭ ئۆيسىز كىشى ياشايدۇ.

ئىتالىيەدە تەخمىنەن 96 مىڭ كىشىنىڭ ئۆيسىز ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ سان 10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسپانىيە 2008-يىللىق ئىقتىسادىي كىرىزىستىن بۇيان ئۆسۈۋاتقان ئۆيسىزلىك مەسىلىسىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا ۋە كوچىلاردا تەخمىنەن 33 مىڭ ئۆيسىز بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

گوللاندىيەدە رەسمىي ھالدا تىزىمغا ئېلىنغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۆيسىز بار بولۇپ، بۇ ساننىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

پولشادا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۆيسىز كوچىلاردا ياشايدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجتىمائىي ياردەم تۈرلىرىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ۋېنگىرىيەدىكى مەسئۇللار ئۆيسىز كىشىلەر توغرىسىدىكى نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشقا باشلىدى ۋە پايتەخت بۇداپېشت كوچىلىرىدا ھەر كۈنى 1000 دىن 1500 گىچە كىشىنىڭ كېچىلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

دانىيە كوچىلىرىدا 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۆيسىز بار بولۇپ، بۇ سان دۆلەت نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.