تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا «شەھەر پىلانلاش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر مۇرات قۇرۇم قىرغىزىستان بىنكارلىق، قۇرۇلۇش ۋە تۇرالغۇ مۇلازىمەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇردان ئورۇنتايېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

مىنىستىرلىق بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «شەھەر پىلانلاش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى» ئىمزالانغان.

مىنىستىر مۇرات قۇرۇم سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نۇردان ئورۇنتايېۋ بىلەن مىنىستىرلىقتا ئۇچرىشىپ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتىن كېيىن شەھەرلەشتۈرۈش ۋە شەھەر پىلانلاش ساھەلىرىدە ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئۇقتۇرغان مۇرات قۇرۇم: «بىخەتەر ۋە ياشاشقا قۇلايلىق شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغان بۇ كېلىشىمنىڭ؛ ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا، تۈركىيە ھۆددىگەرلىك ۋە مەسلىھەتچىلىك ساھەسىنىڭ رايوندىكى تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى