تۈركىيە سۈرىيەدىكى دائېش تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سۈرىيە ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنى نىشان قىلغان بىر دائېش تېررورچىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
مىنىستىرلىق شەنبە كېچىسى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا: «سۈرىيەنىڭ پالمىرا شەھىرى ئەتراپىدا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان سۈرىيە ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز.
ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش شېرىكىمىز بولغان سۈرىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىگە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى يەتكۈزىمىز.
سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتتە مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.
شەنبە كۈنى ئەتىگەندە، دائېشقا تەۋە بىر قوراللىق ھۇجۇمچى قىلغان پىستىرما ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ كىشى يارىلانغان ئىدى.