سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران رايونلۇق ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە
تېھران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئۇرۇش جىددىيچىلىكىگە قارشى رايونلۇق بىرلىككە ئاساسلانغان يېڭى بىر خەۋپسىزلىك لاگېرى قۇرۇش چاقىرىقىدا بولماقتا.
ئىران رايونلۇق ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى  ئورنىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە
ئىران رايونلۇق ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە / AP

ئىران ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان يېڭى بىر خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا چاقىردى. بۇ ئەھۋال بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش مۇھىتىدا، رايوننىڭ خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالدى.

ئىران خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى ئىبراھىم زۇلپىقارى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر سىنلىق ئۇچۇرىدا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ چەت ئەللىك كۈچلەرگە تايانماي، ئۆز مۇداپىئەسىگە بىرلىكتە مەسئۇل بولىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇلپىقارى داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ سۈپەتلەپ، بۇلارنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكتە جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدىغان «يېڭى بىر باسقۇچ» دەپ ئاتىدى.

يېڭى بىر رايونلۇق تەرتىپ چاقىرىقى

زۇلپىقارى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئورتاق دىنىي ۋە رايونلۇق رىشتىلەرگە ئاساسلانغان ئورتاق خەۋپسىزلىك رامكىسى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، چەت ئەل كۈچلىرىگە تايىنىشنىڭ مۇقىملىقنى تۇرغۇزۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:

«بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلىككە كېلىشىمىز كېرەك» دېدى ۋە ئىسلامىي پرىنسىپلارغا ئاساسلانغان ئورتاق بىر نىزامنامە تۈزۈش چاقىرىقىدا بولدى.

مەزكۇر تەكلىپ تېھراننىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، رايونلۇق قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە

زۇلپىقارىنىڭ چاقىرىقى ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى رايوندا داۋاملىق يېيىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى؛ تېھران بولسا ئىسرائىلىيەگە ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

ۋاشىنگتون بىلەن خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نۇرغۇن رايونلۇق كۈچلەرنىڭ بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىقنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەكلىپ رايوندىكى گېئوسىياسىي بۆلۈنۈشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ئوچۇقلاپ بەرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى