سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە ئېلان قىلغان ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋانى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە كانادا، رۇسىيەنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى / TRT Global
 

ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنى ئەيىبلىگەن بولسا، موسكۋا ھۆكۈمىتىنى پات ئارىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) باشلىقلار يىغىنى رامكىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

 

مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە خەلقئارا قانۇننى قوغداش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان سەۋەبسىز، قانۇنسىز ۋە ناھەق ئىشغالىيىتىدىن بۇيان دېگۈدەك بەش يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قەتئىيلىك بىلەن ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى 2026-يىلى كۈچەيتكەنلىكى بايان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ئۇرۇشنىڭ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «رۇسىيەگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىش ھەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرقىمىزنى تەكرارلايمىز. ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بارلىق سەمىمىي تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى
تىرامپ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۆز ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمۇ؟
JD ۋېنس: تىرامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «تۈگىمەس بىر ئۇرۇشقا» ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ
جېفرېي ئېپشتېين ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
نىگېرىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتىلىك ھەرىكەتتە گۆرۈگە ئېلىنغان 125 كىشىنى قۇتقۇزدى
رۇسىيە بىر كېچىدە 1300 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۆت دۆلەت ئىسرائىلىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى