فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پارلامېنتى رەئىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف 3-نۆۋەتلىك «تاراتقۇ لوڭقىسى» پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىرانغا «نە ئۇرۇش، نە تىنچلىق» شارائىتىنى تېڭىش ئارقىلىق دۆلەتنى ھالسىرىتىش جەريانىغا سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قالىباف ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالى ئۈستىدە توختىلىپ: «قامالنى، يەنى ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالىنى ھەربىي ئۇسۇللار بىلەن بۇزۇپ تاشلاشنىڭ يوللىرى بار. يېقىندا بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلايمىز» دېدى.
ھازىرقى «نە ئۇرۇش، نە تىنچلىق» ھالىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى مەڭگۈلۈك ئەيمەندۈرۈش كۈچىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قالىباف، بۇنىڭ پەقەت دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى بىلەنلا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ يەنە دۆلەتنى كۈچەيتىشتە ئىلىم-پەننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.














