خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېپالدا  يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ھادىسىسىدە 17 كىشى ئۆلدى
نېپالدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نېپالدا  يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ھادىسىسىدە 17 كىشى ئۆلدى
نېپالدا  يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ھادىسىسىدە 17 كىشى ئۆلدى / AP

ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشماقتا. يارىلانغان يولۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

پوكخارا شەھىرىدىن نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇغا قاراپ يولغا چىققان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ دادىڭ ناھىيەسىدە تىشۇلى دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، كەم دېگەندە 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 24 كىشى يارىلاندى.

نېپال دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھادىسە يەكشەنبە كۈنى خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 19:45 تە يۈز بەرگەن.

ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى بىشنۇ پراساد باتتانىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن كۆپ ساندىكى خادىملار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشماقتا، يارىلانغان يولۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

ھادىسەنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تاغلىق رايونغا جايلاشقان بىر دۆلەت بولغان نېپالدا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى، كونىراپ كەتكەن ئاپتوموبىللار ۋە مۇرەككەپ يەر شەكلى شارائىتى سەۋەبىدىن دائىم دېگۈدەك قاتناش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى