خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دائېش تۇتقۇنلىرىنى سۈرىيەدىن ئىراققا يۆتكەشنى باشلىدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتاتى (CENTCOM) ئاخىرقى ھېسابتا 7000 غا يېقىن دائېش تۇتقۇنىنىڭ سۈرىيەدىن ئىراقنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دائېش تۇتقۇنلىرىنى سۈرىيەدىن ئىراققا يۆتكەشنى باشلىدى
ئامېرىكا دائېش تۇتقۇنلىرىنى سۈرىيەدىن ئىراققا يۆتكەشنى باشلىدى / Reuters

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتاتى (CENTCOM)، تېررورچىلارنى بىخەتەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى دائېش تۇتقۇنلىرىنى ئىراققا يۆتكەش ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسىنىڭ ھەسەكە ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 150 دائېش تېررورچىسىنى ئىراقتىكى بىخەتەر بىر جايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىشى بىلەن ۋەزىپىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا: «ئاخىرقى ھېسابتا 7000 غا يېقىن دائېش تۇتقۇنى سۈرىيەدىن ئىراقنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا يۆتكىلىشى مۇمكىن» دېيىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتاتى (CENTCOM)  قوماندانى ئادمىرال براد كوپېر ئامېرىكانىڭ ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق شېرىكلىرى بىلەن «يېقىن» ماسلىشىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە دائېشنى مەغلۇپ قىلىشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كوپېر: «دائېش تۇتقۇنلىرىنىڭ تەرتىپلىك ۋە بىخەتەر ھالدا يۆتكىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش، ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تۈرمىدىن قېچىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

بۇ ھەرىكەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توم بارراك (Tom Barrack) نىڭ ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ ئەمدى «مۇرەسسەنى قوللاش، مىللىي بىرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» كە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتقىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. بارراك ئامېرىكانىڭ بۆلگۈنچىلىكنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلىپ: «ۋاشىنگتوننىڭ ئالدىنقى نىشانلىرى بۆلگۈنچىلىك ياكى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەستىقلىماستىن مۇرەسسەنى قوللاشنى ۋە مىللىي بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye rejects claims Daesh terrorists released by Syrian army with its support
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى