سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى
كۇبا ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە بىيۇروكراتلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلارنى ئېلان قىلدى.
كۇبا يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى
بىر ئەر كىشى ھاۋانادىكى بىر كوچىدىن ئۆتمەكتە، 2026-يىلى 25-ماي دۈشەنبە. سۈرەت: ئا پ. / AP

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز-كانېل (Miguel Diaz-Canel) سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، سودا چەكلىمىلىرىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى، مىنىستىرلىقلارنىڭ سانىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ چوڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز-كانېل كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈشنى ئازايتىش ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇش (ئاپتونومىيە) ھوقۇقى بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىياز-كانېل شەنبە (2026-يىلى 13-ئىيۇن) كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، ئىسلاھاتلارنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «دۆلەت بىر جايدا توختاپ قالغىنى يوق. دۆلەت بارلىق شارائىتلار ئاستىدا ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بىز قىلغان ھەر بىر ئىشىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىپ بېرەلمەيمىز، چۈنكى دۈشمەن بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ جاۋابىمىز ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەدبىرلەر يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى (PCC) سىياسىي بىيۇروسىغا سۇنۇلىدىكەن، ئاندىن بىر پالاتالىق خەلق ھاكىمىيىتى مەملىكەتلىك مەجلىسىدە (ANPP) مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات پىلانلىرىغا ئاساسەن، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىلىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ تاشقى سودىدىكى مەجبۇرىي ۋاسىتىچىلىق رولى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىشتىكى چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، چەت ئەلدە ياشايدىغان كۇبالىقلارغا ئارالدىكى ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە بىيۇروكراتلىقنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مىنىستىرلىقلار سانىنىڭ 27 دىن 20 گە قىسقارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەھسۇلات تولۇقلىما پۇلىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي ياردەملەرنىڭ مەخسۇس ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Under fuel blockade: How long can the Cuban government survive economic pressures?

ساياھەتچىلىكتە يېڭى باسقۇچ

ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، كۇبا ساياھەت ساھەسىنى يېڭى سودا ئەندىزىلىرى ۋە تىجارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ پىلان بىر قانچە چەت ئەل شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازاسى سەۋەبىدىن كۇبادىكى تىجارىتىنى قىسقارتىش ياكى توختىتىش قارارىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىسپانىيەنىڭ Melia Hotels International ۋە Iberostar، كانادانىڭ Blue Diamond Resorts ۋە ھىندونېزىيەنىڭ Archipelago International قاتارلىق زەنجىرسىمان مېھمانسارايلىرى ئامېرىكانىڭ جازاسى سەۋەبىدىن ئىيۇن ئېيى (2026) دا كۇبادىكى تىجارىتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ شىركەتلەرنىڭ چېكىنىشى تەخمىنەن 50 مېھمانساراينىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇجىمەللىك پەيدا قىلدى. بۇ مېھمانسارايلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولۇپ، ھەربىي كونتروللۇقتىكى GAESA پاي كونترول شىركىتىگە قاراشلىق Gaviota شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Cuba's energy crisis reaches classrooms as schools shut early

ساياھەت ساھەسى كىرىزىس ئىچىدە

كۇبانىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى ۋۇخەن ۋىرسى تارقالغاندىن بۇيان قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىدى، ئەمما ئامېرىكانىڭ يانۋار (2026) ئېيىدىن باشلاپ جازانى كۈچەيتىشى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى مېھمانساراي تىجارەتچىلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن چەت ئەل شىركەتلىرىنى كۇبادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

كۇبا مەملىكەتلىك ئىستاتىستىكا ۋە ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ (ONEI) سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2026-يىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا كۇباغا 328,608 چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلى (2025) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %55.8 ئازايغان. ئاپرېل ئېيى (2026) دا بۇ دۆلەتتە پەقەت 30,551 چەت ئەللىك ساياھەتچى تىزىمغا ئېلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Cuba slams new US sanctions on state oil company, calls policy 'vengeful'

 

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى