تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋىزىسىز ساياھەت دىيالوگىنى تاماملاپ، پۇقرالىرىنىڭ شەنگەن (شەنگەن رايونى (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) رايونىغا ۋىزىسىز سەپەر قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى نىشانى سۈپىتىدە ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشقۇچە شەنگەن ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ دائىرىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى 18-نويابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك شەنگەن ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى (LSC) يىغىنىدا شەنگەن دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرى ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار قەرەللىك باھالىنىدىغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن نۇرغۇن ساھەدە يۇقىرى دەرىجىدە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۈملىدىن، ئىلتىماس تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىش، ئىلتىماسلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش، تەلەپ قىلىنىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە ئىلگىرى شەنگەن ۋىزىسى ئالغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش تەلەپلىرى قايتا تەكىتلەندى.
تۈركىيە يەنە كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقىشقا بولىدىغان، مۇددىتى ئۇزۇنراق ۋىزىلارنى ئېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان باسقۇچلۇق ۋىزا سىستېمىسى (Cascade) نى تېخىمۇ كەڭ قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ شەنگەن رايونىغا راۋان كىرىپ-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھازىرقى تۇرۇش مۇددىتى چەكلىمىسىگە چارە تېپىشنىڭ زۆرۈرلۈكىمۇ تەكىتلەندى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋىزا رەسمىيەتلىرىدىكى توسالغۇلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغان ۋە قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاتالمىش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا زېمىن ھازىرلاۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدلىيە، سودا ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ خىل قۇرۇلمىلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشى ئۈستىدىن ئەدلىيە تەكشۈرۈشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەسئۇللار 2026-يىلى بۇ مەسىلە توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا پەقەت ئاز ساندىكى يەككە ئىلتىماسلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن شەنگەن دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىك ئورگانلىرى ئارىسىدا ئايرىم خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.














