ھازىرقى يۈزلىنىش داۋاملاشسا، 2035-يىلى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىيانلاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ يىلى مۇسۇلمانلار 2 مىليارد 570 مىليونغا، خىرىستىيانلار بولسا 2 مىليارد 520 مىليونغا يېتىدۇ.
ۋاشىنگتوندىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھەر ئىككى دىنىي توپنىڭ نوپۇسى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى تېخىمۇ تېز ئاشماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى مۇسۇلمانلار 2 مىليارد، خىرىستىيانلار تەخمىنەن 2 مىليارد 300 مىليون بولغان. 2070-يىلىغا بارغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ 3 مىليارد 600 مىليونغا، خىرىستىيانلارنىڭ بولسا 3 مىلياردقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىدىن باشلانغان 50 يىللىق مەزگىلدە دۇنيا نوپۇسى %29 كۆپىيىدىكەن. ئوخشاش مەزگىلدە مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ %80، بارلىق مەزھەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىرىستىيانلار نوپۇسىنىڭ بولسا %30 ئېشىشى كۈتۈلمەكتە.
نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدە تۇغۇت نىسبىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ
تەتقىقاتتا مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ تېخىمۇ تېز ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ تۇغۇت نىسبىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
2020–2025-يىللىرىدا ھەر بىر مۇسۇلمان ئايالغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.1، خىرىستىيان ئاياللارغا 2.5 بالا توغرا كەلگەن. باشقا دىنىي توپلاردىكى ئاياللاردا بولسا بۇ كۆرسەتكۈچ 1.6 بالا دەپ خاتىرىلەنگەن.
تەتقىقاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2020–2070-يىللىرىدا تۇغۇلغانلار بىلەن ئۆلگەنلەر سانى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن شەكىللىنىدىغان نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىشى نەتىجىسىدە، مۇسۇلمانلار نوپۇسى 1 مىليارد 600 مىليون، خىرىستىيانلار نوپۇسى بولسا 792 مىليون كۆپىيىدۇ.
دىن ئۆزگەرتىشنىڭ نوپۇس ئېشىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك
دىن ئۆزگەرتىشمۇ ئىككى توپنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ تەسىرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا چەكلىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۆلچەرگە قارىغاندا، ئىسلامدىن چىققانلار بىلەن ئىسلامغا كىرگەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى سان پەرقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار نوپۇسىدا ساپ 8 مىليونلۇق ئازىيىش كۆرۈلىدۇ؛ خىرىستىيانلاردا بولسا، بۇ ئازىيىش 105 مىليونغا يېتىدۇ. خىرىستىيان دىنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنى ھېچقانداق دىنغا تەۋە ئەمەس دەپ قارايدىغانلار قاتارىغا قوشۇلىدۇ دەپ قارالماقتا.
ئىسلام بىلەن خىرىستىيان دىنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دىن ئۆزگەرتىشنىڭ بىر-بىرىنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. مۆلچەرگە قارىغاندا، خىرىستىيان دىنىغا ئۆتىدىغان مۇسۇلمانلار 9 مىليون 200 مىڭ، مۇسۇلمان بولىدىغان خىرىستىيانلار بولسا 9 مىليون بولىدىكەن.
پاكىستان مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ
تەتقىقاتتا نوپۇس ئېشىشىنىڭ ئاساسلىقى ھازىر مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە يۈز بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
2020-يىلى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن 53 دۆلەتتە 2070-يىلىغا بارغاندا مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ يەنە 1 مىليارد 200 مىليون كۆپىيىشى كۈتۈلمەكتە. پاكىستان بولسا مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ 227 مىليوندىن 461 مىليونغا يېتىشى بىلەن، دۇنيادىكى مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.
خىرىستىيانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشىمۇ ئاساسلىقى خىرىستىيانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە كۆرۈلىدۇ دەپ قارالماقتا. كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە خىرىستىيانلارنىڭ 92 مىليوندىن 299 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇنىڭ ئەكسىچە، 2020-يىلى دۇنيادىكى خىرىستىيان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان ئامېرىكادا خىرىستىيانلار نوپۇسىنىڭ 217 مىليوندىن 174 مىليونغا تۆۋەنلىشى كۈتۈلمەكتە.
خىرىستىيانلار كۆپ قىسىم رايونلاردا ئەڭ چوڭ دىنىي توپ بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ
مۇسۇلمانلار نوپۇسى يەر شارى مىقياسىدا تېز كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، 2070-يىلى دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا خىرىستىيانلارنىڭ يەنىلا ئەڭ چوڭ دىنىي توپ بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقادا مۇسۇلمانلار نوپۇسنىڭ %95ىنى ئىگىلەيدۇ دەپ قارالماقتا. دىنىي تەركىبتىكى ئەڭ چوڭ توپ ئۆزگىرىدىغان بىردىنبىر رايوننىڭ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى بولىدىغانلىقى، بۇ رايوندا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھېچقانداق دىنغا تەۋە بولمىغانلاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقادا بولسا، 2020–2070-يىللىرىدا خىرىستىيانلار نوپۇسىنىڭ %129، مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ %166 ئېشىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال خىرىستىيانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن تەقدىردىمۇ، ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.














