قاتار باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى جىددىيلىكنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئال سانى سۆھبەت مۇساپىسىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قاتارنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە قاتارنىڭ ئىران ھەم ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنىڭ قاتارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە تۈپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئال سانى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
قاتار ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ۋە رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردا ئاكتىپ ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.















