سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
رۇسىيەنىڭ بۈگۈن كېچە سۇمى، دنىپروپېتروۋسك ۋە خاركىۋ رايونلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى بولسا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو، رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن شەھەرگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كلىچكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كىيېۋغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان كلىچكو، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 92 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كلىچكو، 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 كىشىنىڭ  دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 كىيېۋدا «ماتەم كۈنى» ئېلان قىلىندى

ۋىتالىي كلىچكو تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن كىيېۋدا 3-ئىيۇل جۈمە كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللار مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ بۈگۈن كېچە سۇمى، دنىپروپېتروۋسك ۋە خاركىۋ رايونلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، 1 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 19 كىشىنىڭ يارىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»