تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيەدە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسرائىلىيەنى مۇسابىقىلەردىن چەكلەش ئىلتىماستىنى ئىمزالىدى
ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە كوماندىسىنى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن چەكلەش ئىلتىماسىغا 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويدى.
ئەنگلىيەدە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسرائىلىيەنى مۇسابىقىلەردىن چەكلەش ئىلتىماستىنى ئىمزالىدى
ئەنگلىيەدە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسرائىلىيەنى مۇسابىقىلەردىن چەكلەش ئىلتىماستىنى ئىمزالىدى / AFP

پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ۋېمبلېيدىكى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇلغان ئىلتىماستا، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئاستون ۋىللا كوماندىسىنىڭ ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن چەكلىنىشى ۋە ئاستون ۋىللا  كوماندىسى بىلەن ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماسقا نەچچە ئون مىڭ كىشى ئىمزا قويدى.

ئەنگلىيەدىكى پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە 25 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان ئىلتىماس، مۇنبەرنىڭ مۇدىرى لېۋىس باكون تەرىپىدىن ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىدا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇلدى.

باكون ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانى ئالدىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلغان بىر دۆلەتنىڭ كوماندىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئاستون ۋىللا كوماندىسى پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا كۈتۈۋالىدۇ.

غەربىي مىدلاندس رايونلۇق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ئۇچۇرلارغا ۋە ئىلگىرىكى ۋەقەلەرگە ئاساسەن بۇ مۇسابىقە «يۇقىرى سەۋىيەدە خەتەرلىك» دەپ تۈرگە ئايرىلغان.

شەھەر باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىخەتەرلىك مەسلىھەت بېرىش گۇرۇھىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، مېھمان كوماندىنىڭ مەستانىلىرى تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن.


 

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى