بېنگالدىكى بىر چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى كەچكىچە 5 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتى، كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىدى.

By
بېنگالدىكى بىر چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى / Reuters

بېنگالنىڭ پايتەختى داكا ئەتراپىدىكى بىر گازلىق چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ۋە خەلق مۇداپىئە مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى شەنبە كۈنى داكا ئەتراپىدىكى كېرانىگانجنىڭ قەدامتالى رايونىدىكى بىر زاۋۇتتا باشلانغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن يەتتە ئوت ئۆچۈرۈش بۆلۈمى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئوتنى كونترول ئاستىغا ئېلىش بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان.

ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر كەچ سائەتلىرىگىچە بەش جەسەتنى تاپقان. جەسەتلەرنىڭ كىملىكى دەرھال ئېنىقلانمىغان.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.