پاشىنيان ئەزەربەيجاننى قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق يول خەرىتىسى تۈزۈشكە چاقىردى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان قاراباغ مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنىڭ «كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پاشىنيان ئەزەربەيجان تەرەپكە «قاراباغ مەسىلىسى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق بىر يول خەرىتىسى قوبۇل قىلىشنى تەكلىپ قىلدى.
دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى «Armenpress» نىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، پاشىنيان گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ئەزەربەيجانغا بىۋاسىتە شۇنداق تەكلىپ بېرىمەن: كېلىڭلار، بىر ئۈستەلگە ئولتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يول خەرىتىسى تۈزۈپ چىقايلى.»
پاشىنياننىڭ بۇ باياناتى، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەرمېنىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا قوبۇل قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك كۈنتەرتىپكە قايتۇرغان ئىنكاسىغا جاۋابەن ئوتتۇرىغا چىقتى. باكۇ تەرەپ، مەزكۇر ھۆججەتتىكى «ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ماكانلىرىدىن ئايرىلغان قاراباغ ئەرمەنلىرى» دېگەن ئىبارىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ «مۇھاجىر» دەپ ئاتىلىشىنى «ئەزەربەيجانغا قارىتىلغان بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ جانلىق ئىپادىسى» دەپ باھالىغان ئىدى.
«قاراباغ ھەرىكىتىنى قايتا قوزغىماسلىقىمىز كېرەك»
«ئەرمەنلەرنىڭ قاراباغقا قايتىشى»نى خەتەرلىك تېما دەپ سۈپەتلىگەن پاشىنيان، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە «ھەر قانداق يوشۇرۇن توقۇنۇش ۋەزىيىتىنى يوقىتىش» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پاشىنيان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قاراباغدىكى خەلقىمىزگىمۇ ئۇلارنىڭ قايتىشىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئېيتتىم» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر قايتىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرساق، بۇ قاراباغ ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلاش دېگەنلىك بولىدۇ؛ ئەمما مەن قاراباغ ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. قاراباغ ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، ئۇنى قايتا جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىھۇدىلىكتۇر.»
پاشىنيان يەنە ئەزەربەيجاننىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ: «يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيەدە شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، ئەزەربەيجان داۋاملىق تۈردە چۈشىنىكسىز بولغان ‹غەربىي ئەزەربەيجان› ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەكتە» دېدى.
ئەزەربەيجان تەرەپ ھازىرچە بۇ تەكلىپكە رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىدى.