خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
«باۋى» قارا بورىنى تەيۋەن ۋە ياپونىيە ئاراللىرىغا زەربە بەرگەندىن كېيىن، خىتايدا 1 مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى.
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى / AFP

تەيۋەن ۋە ياپونىيە مىقياسىدا توك كېشىلىش ۋە ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قېلىش قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «باۋى» قارا بورانىنىڭ خىتاينىڭ شەرق قىسمىدىكى قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«باۋى» قارا بورانىنىڭ شەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت مىقياسىدا 900 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆيلىرىنى تاشلاپ قاچتى. قارا بوران تەيۋەننىڭ شىمالىدا ۋە ياپونىيەنىڭ يىراق غەربىي جەنۇبىدىكى ئاراللاردا دەرەخلەرنىڭ يىقىلىشىنى شۇنداقلا ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ توكسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مۇشۇ ھەپتە خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ھاۋا رايى شارائىتىدىن كېيىن بۇ قېتىمقى بوران ئاپىتى يۈز بەردى. ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 39 خىتاي ئۆلدى ۋە ئونلىغان دەريالار تېشىپ كەتكەندىن سىرت بىر سۇ ئامبىرى ۋەيران بولدى.

«باۋى» قارا بورىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپتە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەخمىنەن 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە ۋېنجۇ شەھىرىگە يېقىن يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل خادىملار جۈمە كۈنى كەچتە رايوندىن 887 مىڭ 801 كىشىنى بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇردى. شىمالدا بولسا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي - ماكانلىرىلىرىدىن كۆچۈرۈلدى.  بېيجىڭدىكى مىيۈن سۇ ئامبىرىمۇ سۇ بېسىش خەۋپىنى باشقۇرۇش مەقسىتىدە تېخىمۇ كۆپ سۇ قويۇپ بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Storms in China kill fifteen, injure hundreds

تەيۋەندە بولسا سودا-سارايلارنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن، شىمالدىكى كوچىلار ئاساسەن قۇرۇق قالدى.

بوران گۇئام ۋە شىمالىي مارىئانا ئاراللىرىغا ئېغىر تەسر كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاجىزلىدى. بوراننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 137 كىلومېتىرغا چۈشتى. ئەمما تەيۋەن ھاۋا رايى ئىدارىسى ئىنتايىن شىددەتلىك يامغۇر ۋە قىرغاقلاردا ئېگىزلىكى 10 مېتىرغا يېتىدىغان دولقۇنلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

فىلىپپىندا، كۆپ قىسمى مىنداناۋدا مەيدانغا كەلگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋە «باۋى»غا چېتىشلىق باشقا ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى، تەخمىنەن 11 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلدى ۋە ئونلىغان پورتلار تاقالدى.

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا رايونىدا 18 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋە مۇئەسسەسە توكسىز قالدى. ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغىنى مىياكو رايونى بولدى. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

مۇتەخەسسىسلەر ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ رېكورت دەرىجىدە يۇقىرىلىشى ۋە بۇ يىل «ئېل نىنو» (El Niño) ھادىسىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ، بوران-چاپقۇنلارنىڭ شىددىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ نەملىك ئېلىپ كېلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

«باۋى» بوران چەمبىرىكىنىڭ دىئامېتىرى 350 كىلومېتىرغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى، تەيۋەننىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارا بوران بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا