خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
10-ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇنلىغان رايونلارغا ئېغىر تىپلىق زەمبىرەك ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ھۇجۇملىرى قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنى

يەرلىك گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى يەنە غەززەنىڭ جەنۇبىدا، ھەربىي كونتروللۇق ئاستىدىكى «سېرىق لىنىيە» ئىچىدە قالغان بىر قانچە ئورۇنغا ھۇجۇم قىلغان.

رايون ئاھالىلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا، ئىسرائىلىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ رەفاھنىڭ شەرق قىسىملىرىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە بومباردىمان قىلىنغان رايونلاردىن تۈتۈنلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە تىك ئۇچارلىرىنىڭ خان يۇنۇسنىڭ شەرقىنى شىددەتلىك ئوققا تۇتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ھۇجۇملارغا ئالاقىدار ھازىرچە بىرەر ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى دوكلات قىلىنمىدى.

غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات  ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 590 قېتىمدىن كۆپرەك خىلاپلىق قىلغان. كەم دېگەندە 357 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ۋە 903 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھەمدە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى، مەقسەت، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، يەنى ئىككى يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئىدى.

بۇ ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، پەلەستىنلىك ئەسىرلەر بەدىلىگە ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى شەرت قىلىدۇ.

پىلان يەنە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ۋە ھاماس ئورۇن ئالمىغان يېڭى بىر باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli army shells east of Gaza, detonates buildings despite ceasefire

غەربىي قىرغاقتا ئونلىغان كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئىسرائىلىيە يەنە، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان رەھىمسىز باستۇرۇش ۋە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى «Wafa» غا ئاساسلانغاندا، راماللاھنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەل لۇببان ئەل غەربى ۋە رانتىس يېزىلىرىغا تاڭ سەھەردە قىلىنغان باستۇرۇشلاردا، كۆپىنچىسى سابىق مەھبۇسلار بولۇپ كەم دېگەندە 11 پەلەستىنلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

بۇ جەرياندا بەيتۇللاھىم ۋالىيلىقىغا قاراشلىق بەيت فاجار ۋە ئەل ئۇبەيدىيە بازارلىرىدا يەنە 44 پەلەستىنلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. بۇ ئەھۋال كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى ۋە قورقۇنچنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

ئۆيلەر، يوللار ۋە ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇل ئەسلىھەلەر ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خەلق ھۇجۇملارنىڭ تەسىرىدە تەمتىرەپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel kills over 350 Palestinians in Gaza despite ceasefire
ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى