خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئالماقتا
ئىراننىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولى ئۈستىدىكى كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئالماقتا
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئالماقتا / Reuters

ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن تەخمىنەن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى يىغقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پارلامېنت دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەلائەددىن بۇرۇجېردى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ 47 يىلدىن كېيىن بوغۇز ئۈستىدە «يېڭى بىر ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى» ياراتقانلىقىنى ۋە ئەمدىلىكتە بەزى پاراخوتلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن 2 مىليون دوللار تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇرۇجېردى ئىران تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا تارقىتىلغان باياناتىدا، بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىشىنىڭ ئىراننىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مارت ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئىران كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىليون ۋارىل نېفىت توشۇلىدىغان ۋە يەر شارى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ تەخمىنەن %20ى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىنى زور دەرىجىدە تاقىۋەتتى.

بۇ ئەھۋال دېڭىز تىرانسپورتى ۋە سۇغۇرتا تەننەرخىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ئۇرۇشىدىن كېيىن، رايوندىكى جىددىيچىلىك كۈچىيىشنى داۋاملشتۇرماقتا.

توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە، ئارىسىدا سابىق دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنىيىمۇ بولغان 1300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىران ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارىس قولتۇقى ئەللىرىدىكى «ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. بۇ ھۇجۇملار ئۆلۈم-يىتىم ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا بازارلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nearly 90 vessels transit Strait of Hormuz as Iran continues to export oil despite war
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى