غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
تىببىي مەنبەلەر ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ خان يۇنۇستىكى ساقچى پونكىتلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى / Reuters

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ساقچى پونكىتلىرىنى نىشانلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

سەھىيە خادىملىرى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇستا ئىككى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۈچ ساقچى بىلەن بىرى قىز بالا بولۇپ، جەمئىي ئۈچ پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە، غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ زەمبىرەك ئوقى ۋە ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە، ئىككىسى قېرىنداش، جەمئىي ئۈچ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، تۆت كىشى يارىلاندى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەر كۈنى خىلاپلىق قىلىپ، 18-مارتقىچە 691 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 1876 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 172 مىڭ كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە رايوندىكى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن %90 نى ۋەيران قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Death toll from Gaza genocide surges as Israel steps up attacks in occupied West Bank
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ