خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
باڭلادېش ھىندىستاندىن ھاسىنانى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى / AP (Wire)
 

باڭلادېش ھاسىنانىڭ دېكابىر ئېيىدا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق قىلماقتا، داككا ھۆكۈمىتى يېڭى دېھلىنىڭ مەۋجۇت جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە سادىق قېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال سىياسىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتا ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولدى.

تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى شاما ئوبائەد ئىسلامنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، سابىق باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا ھىندىستاندىن باڭلادېشقا قايتىپ كەلگەن تەقدىردە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ھاسىنانىڭ دېكابىر ئېيىدا دۆلەتكە قايتىش پىلانلىرى سىياسىي جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىپ، كوچىلاردا قايتىدىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئاچماقتا.

ئوبائەد ئىسلام، داككا ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىلى قاچقاندىن كېيىن ھىندىستانغا ئورۇنلاشقان خاسىنانى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە يېڭى دېھلىنىڭ مەۋجۇت ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر مەسىلىگە دائىر ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدى. مىنىستىرلىق ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، باڭلادېشنىڭ ھاسىنانى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

ھاسىن باڭلادېشتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە «ئاۋامى بىرلىكى» پارتىيەسىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان 2024-يىلىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن چەكلەنگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر قالايمىقانچىلىقلار جەريانىدا 1 مىڭ 400 گە يېقىن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشلار پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغاندىن كېيىن، ھاسىنا  2024 -يىلى ئاۋغۇستتا داككادىن قاچقان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان دېكابىردا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان قايتىش سەپىرىدىن بۇرۇن يېڭى پاسپورت ۋە كىملىك كارتىسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلدى.

ئوبائاد  ئىسلام يەكشەنبە كۈنى ئېالن قىلغان باياناتىدا: «باڭلادېشقا كىرىشكە ئۇرۇنغان ھامان قولغا ئېلىنىدۇ، تۈرمىگە ئەۋەتىلىدۇ ۋە قانۇنىي تەرتىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بىز ھىندىستاننىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە سادىق قېلىشىنى ۋە ئۇنى بىر جىنايەتچى سۈپىتىدە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكىسى قانۇنىي جەريان بويىچە ئىلگىرىلەيدۇ. ھاسىنا قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.

يۈز بەرگەن بۇ جىددىيچىلىككە قارىتا ھاسىنانىڭ «ئاۋامى بىرلىكى» پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. پارتىيە بۇ ئاي ئىچىدە ھاسىنانىڭ قايتىشىنى قوللاش مەقسىتىدە بىر ھەپتىلىك نامايىش ۋە يىغىلىشلار ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ جەريان 19-نويابىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى «تاقاش» ھەرىكىتى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاخىرقى 10 كۈن ئىچىدە كەم دېگەندە 28 رايوندا كۆپ ساندىكى قولدا ياسالغان بومبا پارتلاش ۋە ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەزى ساقچى خادىملىرى ۋە پۇقرالار يارىلانغان.

ئوبائېد ئىسلام يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ھاسىنانىڭ «سىياسىي جەھەتتىن ۋەيران بولغان پارتىيەسى» تەرىپىدىن قوللىنىلغان بىر ھايات قېلىش تاكتىكىسى دەپ سۈپەتلىدى.

مىنىستىر ئوبائېد ئىسلام ھاسىنانى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بىر ئايروپىلان ئەۋەتىش توغرىسىدا ھىندىستان بىلەن ھېچقانداق رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، داككانىڭ باڭلادېشنىڭ «شەرىپى، غۇرۇرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە» زىيان يەتكۈزمەيدىغان تەڭپۇڭ بىر مۇناسىۋەتنى يېڭى دېھلى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە: «ھىندىستان باڭلادېشقا قارىتا قانداق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئىزدىنىڭ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026