خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ بالۇجىستان رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانى 250 تىن ئاشتى
پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدە ماس قەدەملىك ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان پۇقرا ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. دائىرىلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستاننىڭ بالۇجىستان رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانى 250 تىن ئاشتى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، تېررورچىلار ھۇجۇم قىلغاندىن بىر كۈن كېيىن، كۋېتتا شەھىرىنىڭ چېتىدىكى بىر يول بويىدا، تاماشىبىنلار كۆيگەن ماشىنىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. / AFP

بىر خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنىدىن بىرى پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدە تېررورچىلار تەرىپىدىن ماس قەدەملىك تەشكىللەنگەن ھۇجۇملاردا 250 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان. ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرى ھۇجۇمچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇشلار ھازىرغىچە توختىمىغان.

پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئون يىللاردىن بۇيان ئافغانىستان ۋە ئىران چېگراسىغا جايلاشقان، كان بايلىقى مول بولغان بۇ ئۆلكىدە خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا، چەت ئەللىكلەرگە ۋە بالۇجىستانلىق بولمىغان پاكىستانلىقلارغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە 197 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى (ئۆلتۈرۈلدى)» دېدى. مەزكۇر ئەمەلدار يەنە بالۇجىستاندىكى ماس قەدەملىك ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 36 پۇقرا ۋە 22 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تېررورچىلار ھەپتە ئاخىرىدا بانكا، تۈرمە، ساقچىخانىلار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى رايونلاردا پات-پات ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرى ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

«نۇمۇسسىزلارچە ۋە قورقۇنچاقلارچە ھۇجۇم»

بالۇجىستان باش مىنىستىرى سارفرەز بۇگتى يەكشەنبە كۈنى كېتتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بارلىق رايونلارنىڭ تېررورچىلاردىن تامامەن تازىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۇلارنى قوغلاۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ بۇنچە ئاسان قۇتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويمايمىز» دېدى.

ئۆلكىدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوراللىق بۆلگۈنچى گۇرۇپپا بولغان «بالۇج ئازادلىق ئارمىيەسى» فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر يوللاپ، ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆزۈستىگە ئالدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن بۇ تەشكىلات، قوراللىق ھۇجۇم ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇملىرىدا ھەربىي ئەسلىھەلەردىن باشقا يەنە ساقچى ۋە پۇقراۋى مەمۇرىي خادىملارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا ئۆلكە پۇقرالىرىغا ۋە چەت ئەل ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى تېررورچىلار 450 يولۇچى بار بىر پويىزغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىككى كۈن داۋاملاشقان قانلىق قورشاۋنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يۈز بەرگەن ئاخىرقى ھۇجۇملارنى «نۇمۇسسىزلارچە ۋە قورقۇنچاقلارچە» دەپ ئەيىبلىدى.

 

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى