«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى (COP31) نىڭ رەئىسى، مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇراد قۇرۇم: «ھەربىر سۆھبەت ئوخشاش بىر نۇقتىدا نەتىجىلەنمەسلىكى، ھەربىر كۈتۈلمە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، ئورتاق ماكانىمىز دۇنيا ئۈچۈن سۆزلىشىشتىن، ئاڭلاشتىن ۋە چارە ئىزدەشتىن ۋاز كۆچمەيمىز» دېدى.
مىنىستىر قۇرۇم ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنىڭ ھېچبىر دۆلەت يالغۇز ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
قۇرۇم مەزكۇر يىغىن جەريانىدا ئورتاق مەسئۇلىيەتنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمدە ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئەمىنە ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
قۇرۇم باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:
«بۇ باسقۇچتىكى سۆھبەت ھەمراھىمىز ئاۋستىرالىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى كرىس بوۋېن باشچىلىقىدىكى ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىغا، 2 ھەپتە بويىچە ئانتاليادا دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن ئورتاق بىر قاراشقا كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق دۆلەت ۋەكىللىرىگە ۋە كۆزەتكۈچىلەرگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. ھەربىر سۆھبەت ئوخشاش بىر نۇقتىدا نەتىجىلەنمەسلىكى، ھەربىر كۈتۈلمە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئورتاق ماكانىمىز دۇنيا ئۈچۈن سۆزلىشىشتىن، ئاڭلاشتىن ۋە چارە ئىزدەشتىن ۋاز كۆچمەيمىز.»
ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىلىمات باشلىقلار يىغىنى COP31 ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئاساسىي قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى.














