ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، بۈگۈن ئەتىگەن كۆپ ساندىكى مەكتەپلەرنىڭ بومبا تەھدىتى بار ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
فرېيبۇرگ ساقچى ئىدارىسى ئۇچۇرلارنىڭ ساقچى جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسىگىمۇ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 450 تىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ تەھدىت ئېلخەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى. مەزكۇر ئېلخەتلەرنىڭ تېما قىسمىدا «ئۆلۈم سېنى كۈتمەكتە» دېگەن ئىبارىنىڭ يەر ئالغانلىقى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشاش تېكىستتىن تەركىب تاپقانلىقى تەكىتلەندى.
تۈرىنگىيە ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىمۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلىش تەھدىتى بىلەن جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش گۇمانى دائىرىسىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مەكتەپلەرگە ھازىرقى ئەھۋالدا تارقاقلاشتۇرۇش قارارى ئالماسلىق توغرىسىدا تەۋسىيە بەردى. شۇنداقتىمۇ بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە مەزكۇر مەكتەپلەرگە ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى يەتكۈزۈلدى. تۆۋەن ساكسونىيە ئۆلكىسىدىمۇ كۆپ ساندىكى مەكتەپلەرگە قارىتا بومبا تەھدىتى مەلۇم قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.
دائىرىلەر تەھدىت ئېلخەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن تەقدىردە ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەرز سۇنۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بىر ھەپتە ئىلگىرىمۇ ئىتالىيەدە مىڭلىغان مەكتەپلەرگە قارىتىلغان بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.














